بۇ تېمىدىكى ئاخىرقى ئەقلى خۇلاسەم
弧旋球_百度百科
نوقۇل ھاۋا ئېقىمىنىڭ تىزلىك پەرقىنىلا نەزەردە تۇتساق ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى، بىسىمى تۇۋەن دەپ چۈشەندۆرۆش توغرا ئىكەن.مەن مۇشۇ كەمگىچە پەقەت توپنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى تىزلىكىنىڭ ئاستىلىغىغا نۇقتۇلۇق دىققەت قىلىپ،يۇقۇرقى نۇقتىغا ئېتىۋارسىز قاراپتىمەن.بۇنداق توپ ياكى شارلار ئۇزىنىڭ ئاغقان تەرەپتىكى قىسمىنىڭ تىزلىكى بىلەن شۇ تەرەپتىكى ھاۋانىڭ تىزلىكى تەتۆر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئېگە ئىكەن.بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خۇلاسە شۇكى:
1.يۇقۇرقىچە ئايلىنىۋاتقان توپ ياكى شارلار(زەررىچە.جىسىملار) سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەريانىدا ھەقىقى بوشلۇقتا ،ۋاكىئومدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلۆشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
2.ھاۋا بار موھىتتا ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى بۇنداق ئېغىشنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۇرسىتىدۇ.
3.سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئوقىدا ئايلىنىش تۆپ سەۋەپ،ھاۋا بىسىم پەرقىنىڭ ئېغىشنىڭ قىممىتىگەبولغان تەسىرى نەتىجە خارەكتىرلىك تەسىردىن ئىبارەت.يەنى ھاۋا ئوقىدا ئايلاندۇرۇلمىغان توپ ياكى شارلارنى ئۇزى مۇستەقىل ھالدا ئوقىدا ئايلاندۇرالمايدۇ.
مۇبادا يۇقۇرقى ئەقلى يەكۈنلەر ئورۇنلۇق بولسا،ھاۋا بار موھىتتىكى ئېغىش قىممىتى بىلەن ھاۋا بولمىغان موھىتتىكى ئېغىش قىممەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن ھەرقايسىسىنىڭ"نەسىۋە"سىنى ئايرىپ بېرشكە بولىدۇ.
قالغان گەپنى تەجىربە نەتىجىسى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.خۇدا خالىسا بۆگۆن ۋاكىئومدا دەسلەپكى قەدەمدە رەسمى سىناپ باقماقچى.خۇدايىم ئىشلىرىمىزنى ئاسان ۋە راۋان قىلغاي.
ئەمدى يەنە ،پەرەز ،ئەقلى خۇلاسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرمايمەن.تەجىربە نىمىنى ئىسپاتلىسا شۇ ھېساپ.بۇگۆنكى كۇزۇتۇش نەتىجىلىرىدىن كەچتە قىسقىچە ئۇچۇر بىرىمەن،ئەلۋەتتە.
_ قاسىم سىدىق
2013،12.29
|