- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11410
- نادىر
- 0
- يازما
- 594
ئۆسۈش
  3.53%
|
بىلەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-29 16:23
بىلگەجان ، سىز بىلەن باغداش تورىدا سۆزلىشىش پۇرسىتى بولۇپ قالغىنىغا بەكمۇ خۇرسەن بولىۋاتىمەن . سىزنىڭ ئامىرىكىدەك پەن -تېخنىكا تەرەقى قىلغان دولەتتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىغىڭىز بىز گە ئىلھام ۋە مەدەت ، پەخىر ۋە سويۇنۇش تۇيغۇلىرى ئاتا قىلدى .
مېنىڭمۇ قىز -ئوغۇل پەرزەتنلىرىم بار ، مەنمۇ بۇ ئىككى پەرزەنتىمنى سىزدەك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشنى يەنى سىزدەك چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۇرۇپ ، ياراملىق ئادەم بولۇپ ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن توھپە قوشالايدىغان ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن . سىزنىڭمۇ ئاتا -ئانىڭىز باشلانغۈچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىكەن . ئۇلار سىزنى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىققاندۇ ؟ ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيىلىنىپ چىقىش جەريانىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىز باسقان ئەگرى -توقاي يوللارنى ماڭا ھەم بالىلىرىمغا سۆزلەپ بەرسىڭىزكەن . مەن بۇنى ئىككى بالامغا ،بولۇپمۇ چوڭ ئوغلۇمغا ئوقۇپ بېرىپ ، ئۇنىڭغا ئۆرنەك قىلايمىكىن ،سىزدەك ئامىرىكىدەك چوڭ دولەتلەردە ئوقۇش بەل باغلايدىغان ئادەم بولارمىكىن دەيمەن .
ئاخىرىدا سىزدىن سورايدىغىنىم : يىراق ئەلدە ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىپ قالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولامدۇ ؟ ۋە ياكى جىددى ئۆگىنىش مۇھىتى ئىچىدە ئۇنداق تۇيغۇلارغا ئورۇن چىقمايمۇ قالامدۇ ؟ |
|