سالام ،شۈھرەت مۇتەللىپ!
قاسىم سىدىق
ئال سالامىمنى ئىلىك،روھىدا جۆرئەت شۈھرىتى،
ئەمگىگىڭدىن بەھرىمەن ئىنسانۇ،مىللەت شۈھرىتى.
رەببىمىز بەرگەن قورال بۇ-ئەقلى -ئىدراك ،ئىجتىھات،
تاكى سىرلارنى يېشىپ- ئالەمگە كۇرسەت شۈھرىتى.
قالما مەڭدەپ قىلسا دوق،ساختا، رىياكاربەندىلەر،-
مەيلىگە بەرسەك قويۇپ،چىللايدۇ زۇلمەت، شۇھرىتى.
بايقىغان-تاپقانلىرىڭ،ئەرشىدە دەپتەردىن چىقۇر،
ئىلمى تەھسىل ئەسلىدە بىر ئىبادەت،شۈھرىتى.
سەن ئۇزەڭ شۈھرەت ئېرۇرسەن،بې تەما شۈھرەتكە سەن،
بې تەمالارنى ھامان قوغلايدۇ شۈھرەت،شۈھرىتى !.
2013.10.9
|