ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق
دەسلەپ رولغا چىققاندا «مېيىپ ئېكەن پۇتلىرى»؟، «تۇرپانلىق» دەپ يۈرۈپتۇق، قەشقەر ئېكەن يۇرتلىرى.
«كالتە ئىشتان» دەپ يۈرسەك، «كۇسار كۇ»كەن ئەسلىدە، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەي كەپتۇ سىلىنىڭ بۇرۇتلىرى...؟
مەخسۇس فىلىم كۆرگەندە ئايرىلمىدۇق «مەشرەپ»تىن، «خۇشبۇي» پۇرار ھەممە يەر، كەمدۇر يۇمشاق تورتلىرى.
«كونا ئاياق» كەيگەندە «-دۇتتار كىمنىڭ !؟...» سورايمىز، «قاسىم قوشۇق»نەدىدۇر؟... قالدى شىشخال، كورت ...لىرى.
«ھەۋەسكار...»لار قىلماقتا «رول»غا «جىددىي تەييارلىق»، «ئىسستقۇنىڭ كۈچى» دە بولغاچ دۇئا - دۇرۇتلىرى؟...
«قېرىنداشلار» ياراشماس، بىزگە ئەمدى «ساراڭ » لىق، «سېيىت نوچى» دەك ياشايلى، بولماي شەيتان مۇرتلىرى.
«چۈشەنمىدىم» بىر ئىشنى «قورساق باقماق بەك ئاسان...»، ئېچىلارمۇ قولايلىق «خالا جاي»نىڭ مۇتلىرى.
مۇشتلاپ كەلدۇق مەيدىگە، بولغاچ «بىزلەر ئەركىشى»، دىلمىزدا قالمىسۇن «ھەسەت...» مېتە – قۇرتلىرى.
«بالۇن» كەبي سۆز تىزىپ، پۈتۈپ قالدى تىلكىم:- چىقىپ تۇرسۇن ئېتوتنىڭ «مېيپ»لاردەك سورتلىرى.
ئاپتۇرى: يېڭىشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتتىن قاسىمجان غۇپۇر (دېھقان)
|