- تىزىملاتقان
- 2012-7-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6068
- نادىر
- 0
- يازما
- 255
ئۆسۈش
  21.36%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taturyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-7 21:10
ئۇيغۇرۇڭ ئالقىشلاپ چاۋاك چالغاندا
شەر شەرگە بارساڭ سەن پاقلان سويغاندا
كۆرۇنسەڭ تۇققاندەك قاراپ قالغاندا
يۇزۇڭنى تۆكەمسەن قىرىقتىن ئاشقاندا
تەربىيە قىلامسەن دۇتتار كىمنىڭ دەپ
تەلمۇرۇپ قارىسا ئوغلۇم بىلگىن دەپ
تەربىيلەپ ئۆستۇرگەن ئېلىڭ ھازىردار
يۇزۇڭنى تۆكەمسەن قىرىقتىن ئاشقاندا
ئىشەكتەك ئىش قىپسەن چاقچاق ئەمەسكەن
<داداڭ>دىن ئۆگەنسەن مۇدۇرلۇپ كەتكەن .
بىرقېتىم دەسسىدىڭ ئەمدى دەسسىمە
يۇزۇڭنى تۆكەمسەن قىرىقتىن ئاشقاندا
يۇزىڭنى توكمىسۇن قىرقتىن ئاشقاندا ،
بالىرىڭ جەمىيەتىكە قەدەم باسقاندا .
كۇچ قۇۋەت جىسمىڭدا ئۇرغۇپ تاشقاندا ،
شەيتاننىڭ ۋەسۋىسدە پۇلنى چاشقاندا .
ئالدى كەينىنىڭ پەرقى يوق ،
دىگەن گىپىنىڭ نەرخى يوق ،
ئىشنى بۇزۇپ تېخى يوق ،
يۇزۇڭنى تۈكەمسەن 40 تىن ئاشقاندا ئابدۇكىرەم ئابلىز.
ئەلنىڭ غەزەپ - نەپرىتىگە قالغانلار ،
ئارتىس مەن دەپ ناخشا ئېيىتقانلار.
بىز ئويغۇردا يوقتۇر ھىچ گۇناھ ،
تويغۇزامسەن ئەمدى باشقا ئالغانغا
قىقتىنمۇ ھەم قىغدىمۇ ئېشىپ،
دوكتۇر ئاشتى بولاي دېگەنمۇ؟
خەلقىڭ باشقا ئېلىپ كۆتۈرسە،
قولنى يۇماي پولو يېگەنمۇ؟
ئۈنچە-مارجان چېچىلدى،
شەيتان قوڭى ئېچىلدى.
رىيا-مىننەت ئەھلىنىڭ،
تۈگۈنلىرى يېشىلدى.
ياشايمىز دىگەنلەر قېنى ئەل ئۈچۈن؟
ئوغۇز سۈتى ئەمگەن، ئۇنتۇدۇڭ نىچۈن؟
تاغ كەبى تىك تۇرۇش يوقالدى نىچۈن؟
ۋىجداننى غورۇرنى ساتامدۇق پۇلچۈن؟
قىرىقتىن ئاشقاندا تۆكەمسەن يۈزنى.
يۇزلىرىڭىز قېزارمامدۇ ئۇيغۇر قېزىنى ئاسقاندا؟
لاي غەزەلنى تۇتۇش ئۈچۈن قۇملۇقلاردا چاپقاندا؟
بەلنىڭ سۆڭكى يوقتەك ھارماي تازىم قىلغاندا؟
ئۇيغۇرنى يەر قىلىپ 《ئىسىل زاتلار》ئالدىدا،
خەلىق يۈزىگە پوق ئىتەمسەن قىرىقتىن ئاشقاندا؟
سىنى ئىنجىقلاپ تۇغقان ،
ئاناڭنىمۇ چانايمان ،
سىنى بېقىپ چوڭ قىلغان،
داداڭنىمۇ چانايمەن .
سىنى چولپان دەپ يۈرگەن ،
دوستلىرىڭنى چانايمەن .
چولپان بولساڭ بولمامسەن،
نامىڭنىمۇ چانايمەن .
ئەلگە قىلچە ياقمىغان ،
ۋىجدانسىزنى چانايمەن .
شۇ ۋىجدانسىز كۆپ يۈرگەن،
يوللارنىمۇ چانايمەن .
|
|