- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3093
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
  36.43%
|
bilal1 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 22:47 
ئۆرۈپ ئادەت يوقالىپ كەتسىمۇ مۇسۇلماندارچىلىق بولسىلا ...
ئۇنداق بولسا سىز كىملىكىڭىزگە «مۇسۇلمان» دەپ يازدۇرۇپ ئەرەبچە سۆزلەپ يۈرىۋېرىڭ!!!
قېرىندىشىم، جاھاندا «مۇسۇلمان مىللىتى» دەپ مىللەت يوق، دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىن بىز مۇسۇلمان (ئاللاھ خالىسا!) ، مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن بىز ئۇيغۇر!!! بىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بولغان، ئۆز ئالدىغا مەدەنىيىتى بولغان، ھەتتا ئۆز زامانىسىدا باشقا ئەللەرگە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن، باشقا ئەللەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھەمدەمدە بولغان، ئىمپراتور ئىسكەندەرنىمۇ تىترەتكەن باتۇر چەۋەندازلىرى بولغان بىر مىللەت بىز!!!
مەن سىزنىڭ «مۇسۇلماندارچىلىق» دېگىنىڭىزگە قارشى ئەمەسمەن، سىز دېمىسىڭىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىڭ يىللار بۇرۇن ئىسلامنى، مۇسۇلماندارچىلىقنى قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرغىچە داۋام ئەتكۈزىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلۇقىنى تاشلىغان ئەمەس ھەم تاشلىمايدۇ!!!!!
«مۇسۇلمان»، «مۇسۇلماندارچىلىق» دېگەننى قالقان قىلىپ تۇرۇپ ئاغزىغا نېمىلا كەلسە دېگۈلۈك ئەمەس. |
|