- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2226
- نادىر
- 0
- يازما
- 69
ئۆسۈش
  7.53%
|
كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاپامنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى خوشنىلارنىڭ ماختىشىپ ئولتۇرۇپ يىيىشلىرىنى، قاچىسىنى يۇيغاندا كۇندە كىرىپ ئەجەپ زېرىكتۇردى دەپ غوتۇلدىسام ،قاقشىماڭ قىزىم كىرىپ تۇرغىنى ياخشى‹‹ مېھماننىڭ بەركىتىنى ئۈچ كۈن بۇرۇن تاغارغا سېلىپ قويىدۇ. ››دىگەن گەپ بار . ‹‹يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشنا ئەلا ›› دىگەن گەپ بار . باشقا كۈن چۈشكەندە يەنىلا خوشنىلار ئەسقاتىدۇ دەپ تەربىيە قىلاتتى . بەك مېھماندوست ئىدى .دىگەندەك ئاپىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندە ئەڭ ئەسقاتقىنى يەنىلا خوشنىلار بولغان. ھازىر كاتەكتەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ شۇنچە كۆپ خوشنىلىرىمنىڭ بىر بىرىدىن ئالدىراش كىرىپ -چىقىپ يۇرگىنىنى كۆرۈپ قالىمەن . چاقىرغۇم كېلىدۇيۇ ئىسمىنى بىلمەيمەن .مەجبۇرى سالام قىلىپمۇ باقتىم ئەمما بەزىلىرى شۇ سالامنىمۇ ئايىشىدۇ .كۆچۈپ كەلگىلى ھەممىمىزگە 2 يىلدىن ئاشتى ئەمما بىر بىرىمىزنى تېخىچە تونۇمايمىز . |
|