قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5668|ئىنكاس: 70

ئۇيغۇر كىم ؟ ئۇيغۇر دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

0

دوست

2831

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 142
تۆھپە : 774
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى ئون مىليوندىن ئارتۇق تۇركىي تىل سىېستىمىسىدا سوزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دولەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. مانا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنى « ئۇيغۇر » نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟ دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى جاۋابسىز، بىز توۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
« ئۇيغۇر » نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بەرىشكە تىرىشىمىز. 11 ـ ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۇرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۇزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند ـ بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ » دەپتۇ.



ئاتاقلىق ئالىم ماھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس. « ئۇيغۇر » نامىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامنىڭ پەيدابولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۇچۇن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستىلاچى ياشىغان دەۋرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستىلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقى ، ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيەدىن خېلى زامانلار بالدۇرلا مەۋجۇتلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئېسىدە رىۋايەت سۇپىتىدە مەڭگۇ ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرىنى داۋام قىلساق « ئۇيغۇر » نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قويغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن دۇنيا مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىلىدىن « بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئوز ئوزۇقىنى ئوزى تەپىپ يەيدىغانلار » ئىكەنلىكىنى قايىللىق بىلەن دىگۇزۇش، ئەمەلىيەتتە ئوز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسىيىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت، رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسمىنىڭ نامى بولغانلىقى، بۇ تەڭداشلىقنى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 ـ ئەسىردە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئوتكەنلىكىنى كورسىتىپ بەردى.



ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى « ئوغۇزنامە » مۇ بىزگە 106 ـ قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بەرىدۇ: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغا نىمەن ». « ئوغۇزنامە » رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخىي بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13 ـ ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغانبولسىمۇ ۋاقىئەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ « ئۇيغۇر » سوزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ « ئۇيغۇر » نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دىمىگەن، لېكىن « ئۇيغۇر » نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۇچلۇك دولەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئورۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ، كۇچ ـ قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخىي داستاندىن « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن « ئۇتقۇچى ،كۇچلۇك، قۇدرەتلىك، » مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دولەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كورسىتىپ بەرگەن.

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا موجىزى ‹‹ تەۋارىخى مۇسقىييۇن›› ناملىق ئەسىرىدە (1854 ـ يىلى يېزىلغان) ‹‹ياركەند، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۇز ئەللىگ يىل ›› ياشىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن، خوتەنلەردە ياشىغىلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچە تەخمىنەن ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.



بەزىبىر تارىخچىلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردە ئۇچرايدىغان呼结
نامىنىمۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ، چەت ئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كورسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرىك ئالىمى تولمىي ‹‹جۇغراپىيە›› ناملىق كىتابىنىڭ ‹‹ سېرىس ئېلى » بابىدا « ئوكخورداش، ئوكخورداي » ناملىرىنى خاتىرىلىگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرسى ئېلى خوتەن، قەشقەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كورسىتىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام « ئۇيغۇر دەرياسى، ئۇيغۇرلار » دىگەننى كورسىتىدىكەن.

تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفىسسور ئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ مۇنداق دىگەن: « ھىندىستان تارىخى ماتىرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تۇركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دولەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالىسى ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۇرگەن. لېكىن تۇرك نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان ».

تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: « تۇرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۇگۇنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا « ئۇيغۇر » نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان « ئۇيۇشقان » بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۇپىتىدە خىزمەت قىلغان.



بىر ئومۇر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرسى، ئارىيانلار ھىندىستاندىن ياۋروپاغا كوچۇپ كېلىشتىن 500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دولىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل ـ يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى »

دىمەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئەنىق كورسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمىي مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا سەمەرىلىك روللارنى ئوينىغان. « ئۇيغۇر » نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە بىۋاسىتە ئەنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كەيىن دەگەندىمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 ـ ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دىگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن.

ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى، لېكىن مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدا بەلكىم مىلادىيىنىڭ بېشىدا بۇ نام ئەسلىدىكى شان ـ شوھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شوھرىتىنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەر كورۇلۇشى يوقنىڭ ھىسابىدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسىي گۇرۇھ ياكى بىرەر قەبىلىنىڭ نامى سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كەرەك.

« ئۇيغۇر » نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تاكى 6 ـ ئەسىرگىچە يەنى تۇرك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز كورۇلدى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىدە
袁纥
دىگەندەك ناملاردا خاتىرىلىنىپ ناھايىتى ئاز كورۇلگەن.



مىلادىيە 7 ـ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامى قايتىدىن تارىخىي، سىياسىي سەھنىدە ئوزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دەسلەپ تۇرك ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۇچۇن قارلۇق، باسمىل، سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇركلەرگە قارشى كۇرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئوز ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ كوپ چاغلاردا تۇركلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىيىنىڭ 740 ـ يىللىرى ئەتراپىدا ئوز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا، تۇركلەرنى ئوز ھاكىمىيىتىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئاتلىنىدۇ، شۇڭىمۇ فرانسىيىلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت « يايلاق ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا، ئاۋىستىرىيىلىك ماككرىىس « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » دەپ ئاتىغان. بۇنداق دىيىش ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، چۇنكى جۇڭگودا ئەڭ ئۇزاق ھوكۇم سۇرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇك ـ سويگۇن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا باج ـ سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى 回纥نامى بولسا 回鹘غا ئوزگەرتىلدى. سەۋەبى مىلادىيە 789 ـ يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداق يېزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنە جەھەتتىن ئوز نامىنىڭ شوھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۇرۇلۇشىنى كوزلىگەن، تارىخىچىلار « ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن » ئۇيغۇر « دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 回纥 دەگەن سوزنى回鹘
دىگەن سوزگە ئوزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى » دەپ قارايدۇ. بىز بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ۋە ئۇ ئوزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كورگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.
مەنبە .ئالمىزارمۇنبىرى
داۋامى بار

0

تېما

0

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2150
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 11:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋۋا ئىككى مىڭ يىللار بۇرۇن بىز ۋەتىنىمىزگە كۆچۈپ كەلگەن مېھمان مىللەتتۇققۇ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

11

دوست

2917

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 11:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxruy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-27 11:33  

ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن .


  ئۇيغۇربىز ھەممىمىز قەۋم - قېرىنداش ،
  بىر تىلدا سۆزلەرمىز ھەممىمىز ئوخشاش .
  گۈللىنىش بىزگىمۇ ئاچىدۇ قۇچاق  ،
  تېرىقتەك چېچىلماي بولساق ئۇيۇلتاش .
  
  

ئىنساننى بۇ ئۆمرىمدە چۈشەنگىلى

6

تېما

0

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20834
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 11:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر، بۇ ئۇلۇغ مۇقەددەس نام مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئىنشا اللەھ!!

4

تېما

0

دوست

1989

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7435
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 408
تۆھپە : 341
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghlanni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-27 12:05  

بىلمىسىڭىز قالايمىقان نەرسە يېزىپ يۇرمەڭ  تارىخ سىزدىگەندەك ئۇداق  ئەمەس

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

4

دوست

3682

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 699
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:16:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىمىتتى بار ئىسىل تىما!!!

3

تېما

0

دوست

4658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9173
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 235
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىم بىلدىغانلاردىن شۇنى سوراپ باقسام ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلۋېتىپتۇ . بۇ خىل تەتقىقات بىز ئۇچۇن ھەقىقەتەن مەدەت-تەسەللى بولدى . ئۇلار ئۇيغۇرلارنىلا مۇشۇنداق كۆپلەپ تەتقىق قىلامدۇ ياكى باشقا مىللەتنىمۇ تەتقىق قىلىش دولقۇنلىرى بارمۇ ؟ بىز(ئۇيغۇرلار)قانچىلىك تەتقىق قىلسا ئەزىگۇدەك مىللەت .لىكىن ئويلايمەن جاھاندا مىللەت كۆپ باشقا مىللەتلەرمۇ بىزدەك تەتقىق قىلىنۋاتقان بولسا بىز يەنە ئۇزىمىزنى خوش قىپ يۇردۇقمىكىن دەيمەن .

42

تېما

0

دوست

2831

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 142
تۆھپە : 774
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
مىلادىيە 840 ـ يىلىغا كەلگەندە بۇ « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » تۇرلۇك ئىچكى نىزاھلار، تەبىئىي ئاپەتلەر تۇپەيلىدىن ئاجىزلاشقاندا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە ئوزگەرتىشى بىلەن قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىپ بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋەتتى. تېرىتورىيە دائىرىسىدىكى خەلق ئۇچكە بولۇنۇپ بىر بۆلىكى شۇ زىمىندا قالدى ( قىرغىزلارنىڭ ھاكىميىتىگە ئۆتتى). بىر بۆلىكى جەنۇبقا ـ سەددىچىن ئىچىگە كوچۇپ تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ئۇزاققا قالماي ئوگە تېگىن ۋە ئارمۇزد تېگىن باشچىلىقىدىكى بۇ بولەك پۇتۇنلەي تۇگىدى. يەنە بىر بولەك ـ تەخمىنەن 200 نوپۇس ـ « غەربكە » قاراپ كوچتى، ئۇلار گەنسۇ ئولكىسىگە كەلگەندە يەنە ئىككىگە بولۇنۇپ، بىر بولىكى گەنسۇ ئولكىسى دائىرىسىدە قېلىپ كېيىنچە مۇشۇ زىمىننى مەركەز قىلىپ « گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى » دىگەن ھاكىمىيەتنى قۇردى، يەنە بىر بولىكى تۇرپان ـ قارا شەھەر دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ ئەسلى ئۇيغۇرلار بۇ جاينىڭ تارىخىدا رول ئوينىيالمىدى (مالىيەۋكىن)، بەشبالىقىنى مەركەز قىلغان « ئۇيغۇر ئېلى » (بەزىبىر مەنبەلەردە ئون ئۇيغۇر ئېلى دىيىلگەن) قۇرۇلغاندا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ يىپەك بولىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا سودا ـ مەدەنىيەت ئالاقە يولىنى كونترول قىلغانلىقى شەرق بىلەن غەربنىڭ تۇرلۇك ئالاقىلىرىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقى تۇپەيلى بۇ نام قايتىدىن مەشھۇر بولدى، دۇنيا بۇ نامنى قايتىدىن تونىدى. « ئۇيغۇر ئېلى » دە مەدەنىيەت ـ ئىقتىساد گۇللىنىپ ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان. شۇڭا ئەلچى ۋاڭ يەندى بۇ ئەلنىڭ باياشات ـ پاراۋانلىقىنى، بىرمۇ كەمبەغەلنىڭ يوقلۇقىنى يازدى، شائىر مازۇچاڭ ياشانغانلىرىدا ساۋاتسىزلار يوقلۇقىنى يازىدۇ. مىلادىيە 13 ـ ئەسىردە موڭغۇللار شەرقتىن غايەت زور قۇدرەت بىلەن كېڭەيمىچىلىك باشلىدى. 1209 ـ يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدىقۇتى پارچۇق ئارات تېگىن ئوز ئېلىنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان قىتانلارنىڭ نازارەتچىسىنى ئولتۇرۇپ موڭغۇللارغا بېقىندى. موڭغۇللار باش كوتۇرۇپ چىققان بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى قالاق ئورۇندا ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارغا مەدەنىيەت ئوقۇتقۇچىسى، ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇشتە يېتەكچى بولدى. گەرچە ھاكىمىيەتنى موڭغۇللار ئىگىلىگەن بولسىمۇ ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچىلەر ئۇيغۇرلار بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نام ـ شوھرىتى موڭغۇللارنىڭ قەدىمى يەتكەن ـ يەتمىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەشھۇر بولدى. دۇنيادا بۇ نامنىڭ شوھرىتى پەلەككە يەتتى.

ئەمدى بىز مۇشۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى كورۇپ باقايلى: ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى خانلىقتىن بىرى خاقانىيە (قاراخانىلار) سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ماھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دىكى بايانلىرىنى كورەلەيلى:


42

تېما

0

دوست

2831

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 142
تۆھپە : 774
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
« مەن تۇركلەرنىڭ ئەڭ سوزمەنلىرىدىن، پىكىرنى روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن. تۇرك، تۇركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سوزلىرىنى، قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۇركچە ». ئاتاقلىق ئالىمىمىز ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قەبرىسىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى ھازىر دۇنيا ئېتراپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى نىمە ئۇچۇن ئوزىنى « تۇرك » دەيدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساپ تۇركچە دەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى بىر خەلق دەپ قارىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ مەيلى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن كېيىنكى چاغلاردا بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەر ئوزلىرىنىڭ بىر خەلق دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر تىلى ساپ تۇركچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ ـ ئادەت، تېرىتورىيە، ئىقتىسادىي بىرلىك بارئىدى. ئالىم ئەسىرىدە خاقانىيە دائىرىسىدە ياشىغۇچى ئەجدادلىرىمىزنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتايدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەلىدىكىلەرنى «ئۇيغۇرلار »، «تات ئۇيغۇر » دەپ ئاتايدۇ. «تات ئۇيغۇر›› ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇسۇلمان تۇركلەردىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‹‹تات›› ئاتالمىسىنى قوللىنىش بىر مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق؟



ماھمۇد كاشغەرىنىڭ زاماندىشى خاقانىيىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، جامائەت ئەربابى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق ئەسىرىگە نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇقەددىمىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (20 ـ 19) ‹‹تۇركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىنچە تۇرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسىف قىلمادى›› ـ ‹‹پۇتۇن تۇركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۇركىي سوز بىلەن (ھىچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق››

33. قۇر ئاي ئول بۇكىتابقا قەبۇل بولدۇقى

بۇ تۇركلەر تىلىندە ئەجەپ كۆردۇكى

(يا، بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغۇچى،

بۇ تۇركچە ئەسەرگە ئەجەپلەنگۇچى)

73. ئەرەبچە، تەجىكچە كىتابلار ئوكۇش

بىزىڭ تىلىمىزچە بۇ يۇمغى ئۇقۇش

(بىزنىڭ تىلىمىزدە بۇ يالغۇز شۇلا.)

75. بۇ تۇركچە قوشۇغلار تۇزەتتىم ساڭا

ئوقىدا ئۇنۇما دۇئا قىل ساڭا

(بۇ تۇركچە قوشاقلارنى تۇزدۇم ساڭا،

ئوقۇردا ئۇنتۇما دۇئا قىل ماڭا)

‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› داستانىغا يېزىلغان مۇقەددىمە قانداقلا بولمىسۇن مىلادىيە 13 ـ ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان. مۇقەددىمىنىڭ خاقانىيە خاقانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇشى ھەمدە ئۇلارنى ‹‹ شەرقنىڭ مەلىگى، ماچىنلار بەگى›› دەپ مەدھىيىلىشى ھەمدە ئۇلارنى بىلىم سويۇشتە ‹‹ دۇنيادا بىرلا ـ ئاجۇندا يەگ›› دىيىشلىرى سوزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئەسەردە تۇرك ئىبارىسى ئېتنىك نام سۇپىتىدە قوللىنىلغان.

ئەمدى بىز ‹‹ئۇيغۇر ئېلى›› تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئالىم سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نىمە دەپ يازغانلىقىنى كورۇپ باقايلى: ‹‹بەش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن تۇرك ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۇ ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۇرك ـ ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچىلەپ تەرجىمە قىلغان››. ئالىم ‹‹ئالتۇن يارۇق››نى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹بىش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۇرك تىلىنچە ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق ساڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتىدىن تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلىغان››. ئالىمنىڭ پارچىسى تېپىلغان يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىدە: ‹‹ئون ئۇيغۇر ئەلىنتە كىنكى بوشوغۇتلۇق بىس بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۇ تۈرك تىلىنچە ئاقتارمىش ـ مەدھىيىلەنگەن ئون ئۇيغۇر ئېلىندە كېيىن ئوقۇمۇشلۇق بولغان بەشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىككىنچىلەپ تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان».

سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 ـ ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنڭىغا ئوخشاشلا 8 ـ ، 9 ـ ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئوز تىلىنى « تۇرك تىلى » دەپ ئاتىغان.

ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئوز تىلىنى ئورتاق ھالدا « تۇرك تىلى »، ئوزلىرىنى بولسا « تۇرك » دەپ ئاتىغان. ئوزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ « تۇرك ـ ئۇيغۇر » دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى » دىگىنىدەك « ئۇيغۇر » سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا « ئۇيغۇر تىلى بولسا »ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئوزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دولەت نامى بويىچە ئوزلىرىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى ‹‹تارىخىي رەشىدى›› ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئۇيغۇرىستان›› دەپ يازغان.



بۇ ئىككى خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۇرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پىرتانراكشمۇ ئۇيغۇر تۇرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۇننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن ـ يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ ‹‹ مەڭگۇ تاشتا مۇنداق دىيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۇركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۇ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۇبھىسىز جاۋاب بەردى›› دىگەن يەكۇننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كورسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۇرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۇرگەن » دەپ يازىدۇ.

خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى « ھون تارىخى »، « تۇرك تارىخى » ۋە « ئۇيغۇر تارىخى » دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كوپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفىسسور لىن گەن « تۇرك تارىخى » ناملىق كىتابىدا « ئۇيغۇر = تۇرك » دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۇشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئوزلىرىنى تۇرك دىسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۇشىنەلەيمىز.

مىلادىيە 10 ـ ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كولەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەردىجى ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستىلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش توغلۇق تومۇرخان مىلادىيە 1348 ـ يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۇركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئېدىئولوگىيە پەرقىمۇ تۇگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شىۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر نەۋائى « مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن » ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ « بابۇرنامە » سىدە بىر نەچچە جايدا « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا « تۇرك » نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئوزىنى « تۇرك » ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ھوسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئوزلىرىنى « تۇرك » دەپ ئاتىغان. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884 ـ يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى (回疆) دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن 缠头 دەپ ئاتىغان.

« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350 ـ يىللاردىن 1935 ـ يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا « تۇرك » دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۇسىنى ئالغان. ئۇنداقتا « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟

4

تېما

3

دوست

2284

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:24:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ھازىرقى ئەھۋالىمىز مۇشۇ، ئانا تىلدا يەسلىيمۇ ئاچالمىدۇق دېسە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )