- تىزىملاتقان
- 2013-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4169
- نادىر
- 1
- يازما
- 322
ئۆسۈش
  72.3%
|
داۋامى
بۇمەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۇشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20 ـ ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئوزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاروسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپىرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپىرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئوزىنى پۇتكۇل دۇنيادىكى ئېزىلگۇچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۇرلۇك ئاماللار بىلەن غەربىي تۇركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زورۇر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى ‹‹ئۇيغۇرلار يەڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئەھتىياج تۇپەيلىدىن يەرداشلىقنى بىرىكتۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىپ چىقىلغان›› دىيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئوزبەك بارلىققا كېلىپ تۇرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.
ئۇنداقتا ‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىندى؟ قازاق ئاكادىمىك ظا. ت قايدارۇۋ ‹‹1921 ـ يىلى س. ظة. مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى›› دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921 ـ يىل 6 ـ ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى يىغىندا رۇس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئوزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسىلىقتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھىلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۇنكى مالۇۋ ئاكادىمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنۋېستېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۇرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1909 ـ يىلىدىن 1911 ـ يىلىغىچە، 1913 ـ يىلىدىن 1915 ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ (سەرق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۇرگەن. 1916 ـ يىلى تۇرك فلولوگىيىسى بويىچە ماگىستىر بولغان. 1917 ـ يىلىدىن كېيىن قازان، پېتىربورگ، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرك تىل ـ ئەدەبىياتىدىن دەرس ئوتكەن. 1939 ـ يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادىمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب، ماقالىلەر ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشۇپ قانۇنلاشقان. 1924 ـ يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۇرۇشتىن باشلاپ بۇ نام كورۇلۇشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كوچۇپ كەلدى؟ بۇ نام بېكىتىلىپ قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالى ئىلىمگاھلاردا قوللىنىلدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىلىرىمىز ئىلىم ئېلىش ئۇچۇن سوۋېتقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلدى. مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىقى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ‹ تۇرك › نامىنىڭ ئورنىغا ‹ ئۇيغۇر › نامى دەسسىدى بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س. ئە مالوۋ›› (‹‹قەشقەرگە قايتا بېرىش›› قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.
‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالغۇسى شىنجاڭدا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنىلدى؟ بۇ ھەقتە خارۋورت ئۇنىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن تۇرپان ئەكىسپىدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس (1933 ـ يىلى شىنجاڭغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىنجاڭ شەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20 ـ يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تىل ـ تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن » دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان « شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى چوچۇتۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۇنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە ـ مىكىر شاھى، ئەشەددىي فاشىست شېڭ شىسەي ئوز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن قىزىل فاشىست ستالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخسكە ئوزىنى سادىق ئىت قىلىپ كورسىتىپ، بولشىۋېك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور توھپىلەرنى قوشتى، 1934 ـ يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن كېيىن « چەنتۇ » دىگەن نامنى « ئۇيغۇر » دەپ ئوزگەرتىش 2 ـ نوۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دىگەن نامنى خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۇشۇپ 威武儿 دىگەندەك لايىھەلەرمۇ بار بولغان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا « ئالىيجاناب، جاسارەتلىك تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى » دىگەن مەنىنى بەرگەن. بورھان شەھىدى « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى » ناملىق ئەسىرىدە « مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ 维吾尔دەپ يازايلى دىيىشكەن ئىدۇق، ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ يىغىنىغا سۇنۇپ ماقوللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسىمى يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئەتىبارەن ئۇ بارا ـ بارا كەڭ قوللىنىلدى » دەپ يازىدۇ. 维吾 بولسا مېنى ھىمايە قىل دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئوزگەرتىش بولغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا « بۇلۇت » ئورنىغا « قىرغىز » « نۇغاي » ئورنىغا « تاتار » بېكىتىلگەن.
|
|