- تىزىملاتقان
- 2011-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8573
- نادىر
- 0
- يازما
- 384
ئۆسۈش
  71.46%
|
تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئەلشىر نەۋايى يازغانمۇ ؟
نەۋائىي يەنە مۇنداق دېگەن:«فانىي بولۇش مېنىڭ مۇرادىم ئىدى. تەقرى مېنىڭ بۇ مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلىپ، مايىل بولغان تەرەپكە يۈرۈش ئىتقتىدارىمنى بەرگەي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا مېنى بۇ مەنزىلگە يەتكۈزگەي.» (دوكتور ھۆرمەتجان فىكرەت،"تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى"277-بەت) فانىي بولۇش دېگەنلىك، سوپىلارنىڭ باتىل ئېتىقادىدا"ئاللاھ بىلەن بىرلىشىپ كېتىش"دېمەكتۇر. سوپىلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەقامى مانا مۇشۇ فەنا(يەنى فانىي بولۇش-ئاللاھ بىلەن بىرلىشىپ كېتىش باتىل ئەقىدىسى)دۇر.
نەۋايى شېئىرلىرىدىن بىرىدە مۇنداق يازغان:
سەجدە قىلماق نى تافاۋۇت كەئبە ياخۇد بوتقەكىم،
ماشى مېھرايى قايان، قىلسە سۇجۇد ئوترۇدەدۇر.
(كەئبىگە سەجدە قىلىش بىلەن بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ نېمە پەرقى؟ ئۇنىڭ قېشىنىڭ مېھرابى قاياندا بولسا، مەن سەجدىنى شۇنىڭغا توغرىلايمەن.)(نەۋايى«غەزەللەر»64-بەت؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى)
|
|