- تىزىملاتقان
- 2013-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1307
- نادىر
- 0
- يازما
- 137
ئۆسۈش
  30.7%
|
تەكلىپنامەنىڭ ئارقا يۈزىگە بولسا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1551-يىلى، ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك قىلىپ يېزىۋەتكەن «نەۋائىينىڭ ئاتاسى ئۇيغۇر باخشىلارىدىن ئەردى، ئاتىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر- يەنى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بولۇپ، ئىسمى غىياسىددىن كىچىكىنە ئېدى» دېگەن ھۆججەت ئۈزۈندىسى يۇقىرىقى ئۈچ خىل يېزىقتا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا بولسا، «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي مىلادىيە 1441-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى، قەدىمىي خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە، غىياسىددىن كىچىكىنە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دە: «‹تور›-- ‹تورغا چۈشمەك› تىكى تور؛ ‹تۇر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئولتۇرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۆر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرىنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۈر› -- تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ‹تۈرمەك› پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى ھېسابلىنىدۇ» قاتارلىق مول پاكىتلار ئارقىلىق، ئۆز تىلىنىڭ ئۇنداق «ئو، ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان ئوزبەك تىلى ئەمەس، بەلكى «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» بولۇپ، جەمئىي تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بار مۇبارەك ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەندۇر» دېگەن ئاخىرقى يەكۈن ۋە كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك بىر ئابزاس بېرىلگەن بولدى.
ئۇلار تالاشمىغان بولسا بىزمۇ تالاشمايتتۇق. چۈنكى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا ھېچ تالاشقۇدەك نەرسە يوق، بىر مىللەتكە ئىككى ئات قويۇلۇپلا قالغان يېرى بار. ئەمما ئۇلار قېرىنداشلىقنى بىلمەي داپيۈزلۈك قىلسا مانا مۇشۇنداق پولاتتەك پاكىتلارغا باي ئۇيغۇردىن ھەممىسى تۇمشۇقىغا يەيدۇ. |
|