- تىزىملاتقان
- 2013-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 448
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
  74%
|
ishtap يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 13:32 
بۇ ئالىمنىڭ گۇرۇپىسىدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمۇ باركە ...
مەن ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ سۆزىنى ئۆزپېتى بويىچە كۆچۈرىپ قويدۇم.
مەن دوكتۇر شوھرەت مۇتەللىپ بىلەن ھازىرلا تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنى بىۋاستە قىزغىن تەبرىكلىدىم. ھەمدە بۇ خەۋەرنى مەزكۇر تور بېتىگىمۇ چىقىرىپ قويغانلىقىمنى ئېيتىپ قويدۇم. ئۇ ئىنتايىن خوشال بولدى. ئۇ بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزىشى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئەسلى يۇرتى قەشقەردىن بولغان، شۋېتسىيەدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىللىق تەتقىقات مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن ئالىم پولات ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئالىم پولاتمۇ پات ئارىدىن باشلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭكى بىلەن ئوخشاش ساھەدە 1-ئاپتور بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىشنى باشلايدىكەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كەم دېگەندە يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.
|
|