- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5660
- نادىر
- 0
- يازما
- 447
ئۆسۈش
  13.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxruy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 11:36
ئاجىزلىقنىڭ ئۇنىنغا رودۇپايدەك چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى - ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىغا تايىنىشتۇر. بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن شۇنداق، بىر شەخس ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ! ››
توغرا دەيسىز ، دۇنيا تارىخىدا قايسى بىر مىللەت پەن - تېخنىكىغا تايانماي تۇرۇپ يۈكسىلەلىگەن ؟! قايسى بىر مىللەت پەن- تېخنىكىغا تايانماي تۇرۇپ روناق تاپالىغان ؟! يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكىدەك مۇتەپپەككۇرلىرىمىز 1000 يىل بۇرۇنلا ئىلىمنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ، ئىلىمنىڭ شەخسنى شۇنداقلا مىللەتنى ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى رولىنى تەكىتلىگەن ئىدى ، ئەمما ، بىز تا ھازىرغىچە نادانلىق
نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز ، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ ، مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى بولغان بىلىمگە ئومۇمىيۈزلۈك يۈرۈش قىلالمايۋاتىمىز ، بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق - ھە !؟
كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا يۈكسەكلىك ئاتا قىلىدىغان نەرسە بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەتتۇر .
سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ، ئۇتۇقلار يار بولسۇن ، ئامان بولغايسىز . |
|