- تىزىملاتقان
- 2013-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1944
- نادىر
- 1
- يازما
- 205
ئۆسۈش
  94.4%
|
مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان،
كوڭۇلدىكى بىرسى بىلەن توي قىلىپمۇ ئالدى، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ خۇشاللقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى. بالا تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەر ئېيىغا 200يۈەندىن بانكىدا پۇل قويۇپ ماڭدى، تېخى يورۇقلۇنى ئەمدى پەرىق ئېتىدىغان كىچىكلا قىزىل گۆش بالىغا ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىپ تەربىيىنى سائىتدىنىلا باشلىۋەتتى، قاتناشتۇرمىغان سۇغۇرتىلىرىمۇ قالمىدى، بالا چوڭ بولغاندا قانداق يەسلىدە ئوقۇتۇش، قايسى مەكتەپكە بېرىش، قاندىڭ ئۇنۋېرستتلاردەا ئۇقۇتۇش دېگەنلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ بولغاندى.تېخى كارىل ۋىتتىرنىڭ بالا تەبىيەلەش ھەققىدىكى كىتاپلىرىنى قولدىن چۇشۇرمەيتتى، بالىنىڭ سۇت ۋە قوشۇمچە يىمەكلىكلىرىمۇ ئونىڭ بىرقۇللۇق رېتسىپ يېزىشى بىلەن تەييار بولاتتىي، مەن بۇنداق سول چىللىق قلىماسلىقنى، بالىنىڭ ئۆمرىنى تىلەش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولساممۇ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيتتى، بالىغا بەك ئۈمىد باغلاپ كەتكەندى!
كىم بىلسۇن بالا 9ئايلىڭ بولغاندا قاتتارق قىززىپ ساقىيالماي قىسىغىنا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىز بىلەن بالدۇرلا خوشلىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىۋالدى. ئۇزاق ئوتمەي يەنە بىر بالىسىمۇ تۇغۇلدى، ئۇنىڭغا ئايلىق ئاتاپ پۇلمۇ قۇيمىدى ، نورمال كىشىلەردەك ئۆزمەيلىگە قويۇپ چوڭ قىلدى. مانا ھازىر ئۇ دادىسىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ مۆرىۋەتلىك ياخشى بالا بولۇپ چوڭ بولدى ! ھالا ئەمدى ئۇ بالىسىدىن پەخىرلەنگەچ بۇرۇنقى ئەخمىقانە ئىشىغا پۇشايمىنىنىڭ بارلىغىنى ،ئۇلۇق ئاللاھنىڭ نېمىتىگە بەكلا شۈكرىسىنىڭ بارلىقىنى دەپ شاتلىنىدۇ. |
|