- تىزىملاتقان
- 2013-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1134
- نادىر
- 0
- يازما
- 171
ئۆسۈش
  13.4%
|
كىچىك چاغلىرىمىزدا ئەتىگندە چىقىپ كەتسەك قاراڭغۇ چۈشكەندە ، ئۆي -ئۆيلەردىن ئاپىلىرىمىز چىقىپ ئىزدەپ - چاقىرىپ ئاران ئۇيگە قايتۇرۇپ كىرەتتى . بىزدە يەسلى ئۇقىمىمۇ يوقتى .
ئويلاپ باقسام دادام - ئاپاملار بىزگە ئۇنداق قاتتىق تەلەپمۇ قويۇپ باقماپتىكەن . بولمىسا ھەر ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى . يازلىق تەتىل بولسىلا بىرەر موزاي ياكى بىرەر ئانىسىدىن ئايرلىپ قالغان قوزىلارنى باقىمىز دەپ ، بىر پارچە نان ئېلۋېلىپلا چىقىپ كېتەتتۇق .
ھەي!!!!!شۇ چاغلار .....
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ‹ بالىلىقنى ئەسلەپ › دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىساملا غۇبارسىز بالىلىقمنى ئەسلەيمەن .
ئوغلۇم يەسلىنىڭ يۇقرى يىللقىغا چىقتى . ھامان ئەنسىرەپلا تۇرىمەن . ھويلا ئىشىكىدىن چىقىشىغىلا كەينىدىن ئىزلەشكە باشلايمىز . ‹ يىراققا كەتمە !›، ‹ باشقىلارنىڭ بەرگەن نەرسىلىرنى ئالما !،‹ تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ماڭما !›.............. بۇنداق جېكىلەشلەر ھەر كۈنى قايتلىنىدۇ .
بىچارە بالىلار بىر بولسا تېلۋېزور كۆرگەن ، بىر بولسا كومپىيوتېر ئوينىغان . ... قولىدا ھەرخىل ئويۇنچۇق.....
بىر كۈنى ‹ ئاياق ، پايپاقلىرىڭنى سېلۋېتىپ بىردەم ھويلىدا يالىڭاياق يۈرگىن › دىسەم ‹ پۇتۇم مەينەت بولىدۇ ›دەپ ئۇنىمىدى.
ئۇلار قەغەزدە پىرقىرغۇچ ، تاپانچا ياساشنى ، سېغىز لايدىن ھەر خىل چىنە - قاچا ، پىچىنە - پىرەنىك ياساشنى بىلمەيدۇ .....
كۆپ سۆزلەپ كەتتىم . ئوغلۇمنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنى كۆرسەملا ، بالىلىقتا بىز ئوينىغان ئويۇنلار ئېسىمگە كېلىدۇ .
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .
|
|