بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 00:47
يوپۇغا ناھىيەسىدە خەلقپەرۋەر پارتىيە، ھۆكۈمەتىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا، مەلۇم بىر تورداش يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇمغا بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، بۇ ناھىيەدىكى بىر قىسىم ئورۇن، خادىملارنىڭ كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا ساقلانغان كەسىپ ئىستىلى،خىزمەت ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ۋە بىر قىسىم تۈرلەرنى يېڭىدىن يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بۇ ئوچۇق خەتنى كۆرگەندىن كىيىن، بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سالماق، ئەستاھىدىل قاراپ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى ھەمدە خەتتە تىلغا ئېلىنغان كەسىپ ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، خادىملارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ، بۇ مەسىللەرنى مەخسۇس تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى، مەسئۇلىيەتنى چۇقۇم ئېنىق سۈرۈشتە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. تۈر تۇرغۇزۇش، يۇقۇرىغا يوللاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھەل قىلىشتوغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىنى، قوللىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ھەمدە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەۋزەلقۇم غەربىي يولىنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدىكى بىرىنچى ئۆتۈشمە يولىنى ئاساس قىلغان پۈتكۈل ئۆتۈشمە يوللارغا قاتناش يول چىرىقى، پىيادىلەر يول چىرىقى ۋە كۈزۈتۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلدى. بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى خەلق تۇرمۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىشلىگەن تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە ماس ھالدا يەرلىكتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا پايدىلىق بىر تۈركۈم سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئەمەلىي،كۆپ قاتلاملىق مەنپەئەتلەندۈرىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى خالاس....... |