- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2317
- نادىر
- 0
- يازما
- 148
ئۆسۈش
  10.57%
|
بەزى يۇرتلاردا ناھاق ئىشلار ئۈچۈن يۇقۇرى درىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغىلى ماڭسا، ئەرزدار گويا كومىنىستىك پارتىيىنىڭ بىرەر دۈشمىنىگە ئەرز قىلىدىغاندەك، پۇقرانىڭ ئاتالمىش چاكارلىرى ئوغرىنىڭ يۈركى پوكپوك دېگەندەك ئەرزدارلارنىڭ يولىنى تورايدۇ، ھەتتا ئۈرۈمچى، بېيجىڭلەردىن ئەرزدارلارنى مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، ئالداپ قايتۇرۇپ كىلىپ، ئېغىر جازالىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلىدۇق، توردا كەڭ جامائەتكە ئەھۋال مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلارنى، جازالىنىۋاتقانلارنى بىلدۇق، ئەمەلدار دېگەن مۇشۇ ھاكىمدەك بولالىسا، ئاجىز خەلقنىڭ ئۈرۈمچىگە ھەتتا بېيجىڭغا ئەرز قىلىشقا بېرىشىغا ھاجەتمۇ قالمايتى، ئەمەل تۇتقانلار خەلقنىڭ غېمىنى ھەقىقىي يېسە، پۇقرانىڭ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىشىدىن قورقۇپمۇ يۈرمەيتى. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوكپوك دېگەن سۆز بەكلا توغرىيكەن، پۇقرا دېگەن بىر سەل، ئۇنىڭ غەزىۋى تاشقاندا ھىچنېمە بىلەن توراپ بولغىلى بولمايدۇ، ياخشىسى ئۇنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرمەسلىك كېرەك. |
|