- تىزىملاتقان
- 2012-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1339
- نادىر
- 0
- يازما
- 65
ئۆسۈش
  33.9%
|
ۋاقىت ھەممىگە قادىر ئىكەن.2002-يىلى كۈزلۈك مەۋسۇمدا ئەسقەر ھېمىت باشقا بىرقانچە ھەمراھلار بىلەن سىچۇەن چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېنگلىس تىلى كۈچەيتىش كۇرسىدا ئوقۇپ،چەتئەل سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى،ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن 10يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپتۈ.مانا بۇ قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇن مۇساپىلەرنى تاماملاپ بۈگۈنكىدەك شۆھرەتكە نائىل بوپتۇ.چېڭدۇدا ئوقۇغان شۇ ۋاقىتتا ئۆزىمۇ ناھايىتى جۇشقۇن روھلۇق،ئىنتلىشچان،ئۈمىتۋار ،زېرەك،چەبدەس ياش ئىدى.تىرىشچانلىقى ئاخىرى مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ.ئاپىرى!پەمىمچە،ھازىرمۇ چەتئەلدە ئوخشايسىز،ئالدى بىلەن ئاللاھدىن سالامەت تىلەيمىز.مۇمكىن بولسا توختىماي يەنە تىرىشىڭ.سىز تېخى يەنىلا ياش،ئاللاھ خالىسا ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن يەنىمۇ زور شەرەپلەرنى قۇچۇشقا ۋاقتىڭىز كەڭرى.ئۇيغۇرلاردىن ھەر بىر قېتىم يېڭى ئالىملارنىڭ چىققانلىقىنى بىلگەندە ئادەمگە خۇددى دۇنيا كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ،ھەقىقەتەن شۇنداق،سانىمىز ئاز بولسىمۇ سۈپەت-ساپا ئاشسا دۇنيا تونۇماي قالۇرمۇ؟!ياش ئالىمنىڭ نەتىجىسى بىزگە تىرىشسىلا ياش ئەۋلاتلاردىن كۈچلۈكلەرنىڭ ھامان يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يەنە بىر تونۇتتى.ئۇلۇغ ئاللاھ ياشلىرىمىزغا كۆپ مەدەتكار بولغاي،شۈكرى!!! |
|