- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 74
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  24.67%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىزلەر ؟ مەن بۇگۇن مۇنبەرگە كىرىپ بۇ تېمىنى كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم ، ئەسقەر مېنىڭ تولۇك ئوتتۇرۇدىكى ساۋاقدىشىم ئىدى ، ساۋاقدىشىمنى كۆرمىگىلى توپ - توگرا 28 يىل بوپتۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سۇرۇتىنى كۆرۇپلا تونىۋالدىم . ئۇ يەنىلا شۇ سەبى چاغلاردىكىدەك ياخشى تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ شۇنچىلىك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قازانغانلىقىنى بىلىپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم ھەم پەخىرلەندىم ، ئۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىلا بەك تىرىشچان ئىدى ، بولۇپمۇ خەنزو تىلى ئاساسى بەك ياخشى ئىدى . ھازىرقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ئەينى چاغدا بىزگە خەنزو تىلى دەرسى بېرەتتى ، شۇ مۇئەللىممۇ ئەينى چاغدا ئەسكەرنى بەك ماختايتتى . ئىشقىلىپ ئەسقەر بەك تىرىشچان ئىدى ، مانا ئەمدىلىكتە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنۈپتۇ ، بارىكاللا ساۋاقدىشىم ....... سىزدەك ساۋاقدىشىمدىن پەخىرلىنىمەن ، بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزگە تىلەگداشمەن ، شۇنداقلا تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئائىلىڭىزنىڭ بەختلىك ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ، خىزمىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۇلۇق ئاللاھ تىن تىلەيمەن . |
|