- تىزىملاتقان
- 2013-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 475
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  87.5%
|
ھەممىمىزگە مەلۇم ،كەڭ ئىشچى -خىزمەتچىلەردىن 1994-يىلىدىن تارتىپ ھەر ئادەمنىڭ مۇئاشىدىن مۇۋاپىق نىسبەتتە ئۆي-مۇلۇك پۇلى تۇتۇلۇپ كەلمەكتە.بۇ پۇل شەخستىن نەچچە پىرسەن تۇتۇلغان بولسا ،دۆلەت مالىيەسىدىنمۇ شۇ نىسبەت يەنى تۇتقان مۇئاشنىڭ نىسبىتى بۇيىچە پۇل قۇشۇپ شەخسنىڭ ھىساۋىغا كىرگۈزىلىدۇ.نۆۋەتتە ھەرقايسى شەھەر،ناھىيەلەرنىڭ بۇ پۇلنى قايتۇرىشى، شەخسىينىڭ قولىغا تىگىشى ئوخشاش بولماي كىلىۋاتىدۇ.بىر ناھىيەدىكى كىشىلەر ئىچىدىمۇ بەزىلەر ئۆي بىزەش ،ئۆي سېتىۋىلىش،ماشىنا ئېلىش...دىگەندەك ناملاردا بۇ پۇللارنى ئېلىپ ،ئىشىنى غەملەپ كەلمەكتە.
ئەمما ،مىنىڭ ئەھۋالىم ئۇلارنىڭكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى.سەۋەبى مەن يېڭىشەھەر ناھىيە ئىتتىپاق كۇۋرۇكى بۇيىدىكى ئولتۇراق رايۇندىن 2011-يىلى نەخ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋالغان.بۇ ئۆينىڭ پۇلىنى غەملەش ئۇچۇن يېزائامانەت قەرز كوپىراتىۋىدىن 70مىڭ يۇەن قەرز ئالغان،ھازىر قەرزدىن 50مىڭ يۇەن بار،بانكا سۇيلىگەنلىكى ئۇچۇن ئەر -ئايال ھازرغىچە بىر پۇڭ ئالمىغان ئۆي مۇلۇك پۇلىمىزنى يۆتكەپ بانكىدىكى قەرزنى قايتۇرايلى دەپ تۇختام، ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ كىرسەم ناھىيەلىك ئۆي مۇلۇك فوندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكىلەر‹‹ سېنىڭ سېتىۋالغان ئۆيۈڭ يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلىشى .شۇڭا بېرىشكە ،يۆتكەشكە بولمايدۇ .›دەپ يولغا سالدى.بۇلارنىڭ بۇ دېگىنى راسمۇ؟سىيياسەتكە ئۇيغۇنمۇ؟نىمە ئۇچۇن بۇ پۇل شەخسىنىڭ تۇرۇپ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بېرىشكە قۇشۇلمايدۇ؟نىمىشقا بۇ پۇل باشقا كۇن چۈشكاندە ئەسقاتمايدىغان ئۆلۇك پۇل بولۇپ قالىدۇ؟.ناۋادا ھازرغىچە تۇتۇپ قالغان ئۆزۇمنىڭ شەخسىي پۇلىنى ئايرىپ بەرگەن بولسېمۇ قۇرسىقىم كۆپمەيتى.
ئوقۇرمەن قانداق پىكىرىڭىز باركىن.بۇ ھەقتە سىياسەتنى بىلىدىغانلار كۆرسەتمە بەرسە |
|