- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3074
- نادىر
- 0
- يازما
- 193
ئۆسۈش
  35.8%
|
بۇ ئىنتايىن ياخشى تىما بۇلۇپتۇ. نەچچە ۋاقتتىن بىرى ئويلاپ يۈرەتتىم . دۆلەت خىزمەتچىسى بولغانلار قانداقلا بولمسۇن ئۆي فوندى پۇلى باركەن. بۇ ياخشى ئىش . بۇ فوندىنىڭ يېرىمنى ئۆزىنىڭ مائاشىدىن تۇتسا يېرىمنى دۆلەت بىرىدىكەن. ئەمدىكى مەسلە: مەن بىر دۆلەت خىزمەتچى ئەمەس .سودىگەر.
1- ھەر ئايدا دۆلەتكە، يەرلىككە بۇلۇپ 1200يۈەن باج تاپشۇرىمەن. مەن باج تاپشۇرىمەنيۇ لىكىن مىنىڭ ئۆي فوند پۇلۇم يوق. ھەم دۆلەت تۇلۇقلاپ بىرىدىغان فوند پۇلۇم يوق. دىمەكچى ئاددى پۇقرامۇ ئۆي فوند پۇلى تاپشۇرسا ،يېرىمنى دۆلەت كۈتۈرسە دىمەكچى . ھەممەئادەم ئۆي ئالالىسا دىمەكچى .
2- ھازىر ھەرقايسى ئىدارىلەر ئىدارە نامىدا ئۆي سېلۋاتىدۇ. بۇ ئۆيلەر ئىدارە سالدۇرغان بىنا بولغاچقا بۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئادەتتىكى بازار باھاسىدىن بىر كۇۋادىرات مىتردا 800-2000يۈەنگچە پەرىق بار . بۇرۇن ئۆيى بار ئىدارىدىكى كىشلەر بۇنداق ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنى ئەلۋەتتە ئالىدۇ دە ، ئۇنىڭ ئۆستگە ئۆي فونىد پۇلى تۇرسا . دىمەكچى ئۆي بارلارنىڭ نەچچسى بار. ئۆيى يوقلارنىڭ بىرىمۇ يوق. ئەگەر بۇنداق ئەرزان باھالىق ئۆيلەر بولسا مەنمۇ نەچچە تاۋار ئالماقچى . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ناھىيمىزگە بىر چوڭ ئولتۇراق ئۆي رايونى سالغان .شۇ ۋاقتتا ئۆينىڭ باھاسى 3000دىن ئاشقان ئىدى. بىزدەك ئىشسزلار بارساق ئۆينىڭ باھاسى 3000دىن يوقىرى. خىزمەتچىلەر ئىدارە نامىدىن بارسا يۇقىرسى 2400،تۈۋىنى 1850دىن ئالدى. بۇ تەڭسىزلىك بولماي نىمە. بۇنداق دىسەم خىزمەتچىلەر قاقشاپ كەتمەڭلار. بىز تۆلىگەن باجلار سىلەرنىڭ شۇ مائاشىڭلار. |
|