- تىزىملاتقان
- 2012-7-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3994
- نادىر
- 0
- يازما
- 485
ئۆسۈش
  71.26%
|
oznur يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 22:39 
ئەمدى كەنىت كادىرلىرىغىمۇ ئالاھىدە تەلەپ قۇيۇپ ، كەنى ...
كەنىتلەردىمۇ ساقچى ئىشلار ئىشخانىسى قۇرۇپ ، ئۆيمۇ-ئۆي ئەھۋال ئىگەنلەپ كىرىپ تۇردۇ ، سىرىتتىن تۇققانلار كەلسە ، ئۇلارغا مەلۇم قىلىشىمىز كىرەك . مەلۇم قىلمىساق ، يەڭگىل بولسا تەنقىت ، نۇرمال بولسا جەرمانە ئالىدۇ . سىلەر بىنادا ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلارنى قوندۇرالمىغاندەك ، بىزنىڭ سەھرادىمۇ شۇنداق ئىشلار بار ، لىكن ئۇلار ئۆيمۇ -ئۆي كۈندە كىرىپ بولالمىغاندىن كىيىن ، گاھىدە ئۇرۇق-تۇققان ، دوس بۇرادەرلەر كىلىپ قالسا قوندۇرىۋېرىمىز . بۇلتۇر باشقا يۇرتتىن بوغداي ئۇرىدىغان چالغۇچىلار كەلدى ، بۇغدايلىرىمىزنى ئورغۇزدۇق . بىر مىللەت بولغاندىكىن دەپ كەچ بولغاندا 5 چالغۇچىنى ئۆيگەن باشلاپ مىھمان قىلىپ قوندۇردۇق ، ئەتىسى كەنىتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئۆيگە كەپتۇ ، بىزدىن بسوراق خەقنى نىمىشقا ئۈيۈڭدە قوندۇرسەن دېدى ، ھەم بۇندىن كىيىن شۇنداق ئىش بولسا بىزگە ئەھۋال مەلۇم قىلىسەن بىز ئۇلارنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ قونسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىمىز دېدى .
كەنت ساقچى ئىشخانىسىدىكى ياللانما ساقچىلار پات-پات ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىم ، كالىندار ، كىتاپ قاتارلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە شۇ بانادا ئۆيلىرىمىزنىڭ ھەممە يىرىنى كارۋات ئاستى قاتارلىقلارنى ماراپ تىمسىقلاپ چىقىدۇ .
مارالبېشىدىكى ۋەقەمۇ شۇندق ساقچىلارنىڭ پۇقرالاردىن ئەھۋال ئېگەنلەش باناسىدا بولغان ئىش . |
|