- تىزىملاتقان
- 2012-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2908
- نادىر
- 0
- يازما
- 153
ئۆسۈش
  40.23%
|
ھازىرقى تۈرلۈك توسالغۇ ھەم بىيۇكىراتلىق تۈپەيلىدىن مىللى كەنىت شۇجىلىرى خېلى جىق ئىشلارنى قىلالمايۋاتىدۇ، ئەگەر خەنسو كەنىت شۇجىلىرى ئىش ئورنىغا چىقسا 10-8يىلغىچە خەلىققە ھەقىقى نەپ تېگىدىغان، نەچچە ئون يىلدىن بىرى بېسىلىپ قالغان يول-ئۆستەڭ، توسما خىزمەتلىرى ناھايىتى راۋان يۈرشۈپ كېتىدۇ. توكى يوق جايلارغا توك سىمى، تېلغۇنى يوق جايلارغا تېلغۇن سىمى يىتىپ بارىدۇ، بىرىلمىگەن ياكى چوتا ئايرىۋىلىنغان تۇلۇقلىما پۇللىرى بىرلىدۇ، ئەمىن ئۆي قۇرلىشىغا بىرىلىدىغان پۇللار تۇلۇق سوممىسى بىلەن دىھقانلارنىڭ قۇلىغا تېگىدۇ، نۇرغۇن كىشلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزلىدۇ، مەجبۇرى ھاشار تۈگەيدۇ، كەنىت مۇدىرى ۋە ئۇنىڭىدىن تۆۋەن ئەمەلدارلار ھەقىقى سايلام ئارقلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.............
بۇ ئارقلىق ساددا دىھقانلارنىڭ ئىدىيسىگە «ئويغۇر شۇجى قىلالمىغاننى خەنسو شۇجىلار قىلالايدىكەن، قارىغاندا يەنىلا خەنسو شۇجى بولسا بولغۇدەك....» دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەنسو شۇجىنىڭ گىپى گەپ، قىلغىنى قىلغان بولىدۇ. بىزلەرمۇ ھەر قانداق ئشىمىز بولسا خەنسو شۇجىنى سېغىنىپ تۇرىدىغان بولىمىز. يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئادەمگە ئوخشىماي قېلۋاتقانلىقىمىزىنى ھىس قىلىمىز.............
قانداق ماۋۇ پەرەزنىڭ ئانچە مۇنچە ئاساسى بارمۇ يە |
|