- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1399
- نادىر
- 0
- يازما
- 185
ئۆسۈش
  85.57%
|
ئىلىم ئىلىش ئاللاھ بۇيرىغان پەرىز .... (سۈرە ئەلەق بىرىنجى ئايەتكە قارالسۇن ) بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىلىم ئالىمىز ... ھەم شۇ ئالغان ئىلىمنى ئەمەل قىلىش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش بىزدىكى مەجبۇرىيەت ....
ئاللاھ سۈبھەنە ۋەتەئەلا مەرھەمەت قىلىپ ئىنسانغا ئۇ بىلمىگەن نەرسىنى بىلدۈرۈپ ئۇنى شەرەپلىك ۋە ھۆرمەتلىك قىلدى . بارىلىق ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇشۇ ئىلىم سەۋەبىدىن پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن تۇرغان .
ئىلىم_ ئەقىل بىلەن ، تىل بىلەن ۋە بارماق بىلەن يىزىشتا نامايەن بولىدۇ شۇڭا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ . ‹‹ ئۇقۇغىن ، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر ، ئۇ قەلەم بىلەن خەت يىزىشنى ئۆگەتتى ، ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈردى ›› .
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، ۋە بىزگە بەرگەن ئېغىزبىلەن سۆزلەش، يەتكۈزۈش ، تەبلىغ قىلىش ئارقىلىق شۇنداقلا بىزگە بەرگەن قول بىلەن يىزىش ئارقىلىق . شۇ ئىلىمگە ئەمەل قىلىمىز ۋە باشقىلارغا يەتكۈزىمىز .
ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۇقۇپ ۋە بىلگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا يەتكۈزسەك ۋە ئۆزىمىز ئەمەل قىلساق مانا بۇ پەرىز ئادا بولىدۇ ، شۇنداقلا باشقىلارغا يەتكۈزگەن مەنپەئەتلىك ئىلىمىمىز بىز ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدۇ . بىز مانا مۇشۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز !!!
توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ ! |
|