- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1478
- نادىر
- 0
- يازما
- 185
ئۆسۈش
  96.86%
|
ھازىر نۇرغۇنلىغان ئىستودىنىتلىرىمىزنىڭ كاللىسدا «نىمە ئۈچۈن ئۇقۇيمىز »دىگەن بۇ ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس .ئالدىنقى كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا سىرتقا چىقىپ كىتىۋاتسام ئىككى ئىشەك شىنجاڭ ئونۋېرستى يىمەك-ئىچمەك مەيدانى ئالدىدا يالاشقىلى تۇرۇپتۇ .رەسىمگە تارتىۋاتسام«为啥照相»دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەپتۇ .توردا ئىلان قىلىمەن دىسەم ،بۇنداق قىلساڭ سوتقا ئەرىز قىلىمىز .كىشلىك ھۇقۇق ،سۈرەت ھۇقۇقى ...بىرمۇنچە ھۇقۇقلىرىمىزغا دەخلى قىلدىڭ دەيدۇ .ئاۋۇ كىتىۋاتقان ئۇششاق بالىلارغا قارا ،ئۇلار ئەمدى باشلانغۇچتا ئوقۇيدۇ .سەن ئىشەكلەرنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرسە ئۇلار ئىددىيەدە خاتالاشمامدۇ ؟سەن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا يولغا قۇيۇلغان ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا قاراپ باق .مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى دىمەي تۇرايلى ،سەن ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىپ -ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلدىڭ .ئەرىز قىلساڭ بۇلىۋىردۇ دەپ ماڭسام«对不起大哥»دەپ ئارقامدىن ماڭدى .بولدى بۇندىن كىيىن دىققەت قىل دەپ كىتىپ قالدىم .ئەمەلىيەتتە رەسىمگە تارتىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم .
دىمەكچى بولغىنىم ھازىر 90%ئىستودىنتلارنىڭ كاللىسدا «مۇھاببەت »دىگەندىن باشقا نەرسە يوق ،بۇ مۇھاببەت ئاتا-ئانا،قېرىنداش ،مىللەت ياكى ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھاببەت بولماستىن بەلكى ئسلام دىنى ھارام قىلغان ،مىللىي ئۆرىپ-ئادەت ۋە ئەخلاقىمىزغا خىلاپ بولغان قىز-ئوغۇللار ئارسىدىكى مۇھاببەتتۇر.يۇرتتىن بىر تۈركۈم چوڭلار كەپتىكەن ئۆي سۇ ئۈستى باغچىسغا يېقىن بولغاچقا ئايلىنىشقا چىقتۇق .بۇرۇنلاردا بىر-بىرنى يالايدىغان ئىت-مۈشۈكلەر دالدىغا كىتىدىغان ،مانا ئەمدى يول بۇيىدىكى ئورۇندۇقلاردا يالىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ،چوڭلار ئارقامدا كىلىۋاتقان بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلاشتى.مەن خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم .مانا مۇشۇ دەرىجدە ھاياسىزلىىپ كىتىۋاتقاننىڭ 95%ى ئىستودىنىت ....بۇ ئەھۋالغا قاراپ بۇلارنىڭ ھىلى ئۆرلۈپ چۈشىدىغاندەك بىر-بىرگە يۈلىنىپ ،بىر-بىرنى يۈلىشىپ مېڭىشلىرى ياشلىرىمىزنىڭ 25تن ئاشماي تۇرۇپلا ھاسسا-تاياققا چۈشۈپ قالغانلقى ،رۇھىنىڭ زەئىپلىششى مىللىتىمىز نىڭ كەلگۈسىنىڭ خارابلىشىدىن دىرەك بەرسە ،چوڭ يول ،باغچا ،ئاممۋى سورۇن قاتارلىق جايلاردا بىر-بىرنى ئىتتەك يالاپ تۇرشى ئىمان -ئىتقادنىڭ ئاجىزلىشىپ ،شەرمى -ھايانىڭ كۆتۈرلۈپ كىتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىردۇ .بۇلار ۋەتەن ،مىللەت ئۈچۈن ئەمەس ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن ئۇقۇشنىمۇ بىلمەيدۇ .بىچارە ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلسا قانداق قىلىدىكىن تاڭ .
ئويلىنىپ باقايلى نىمە ئۈچۈن ئۇقۇيمىز ،كىم ئۈچۈن ئوقۇيمىز .ئالتۇندەك ئۇقۇش ھاياتىڭلارنى ئويۇن تاماششا بىلەن ئۆتكۈزۋىتىپ كىيىن پۇشايماندا قالماڭلار ياشلىرىمىز ....! |
|