- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2828
- نادىر
- 0
- يازما
- 173
ئۆسۈش
  37.94%
|
ئاتاقلىق ناخشىچى، كۆپ قىرلىق ئۇستاز سەنئەتكار ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشىلىرى ھېلىمۇ قولاق تۈۋۈمدە. ئۇنىڭ ئەشۇ مۇڭلۇق- ھېسسىياتقا تويۇنغان جاراڭلىق كۈيلىرى ھېلىھەم خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ «سەرسان يەكشەنبە» قاتارلىق بىرقاتار ناخشىلىرى ئەينى دەۋردىكى بىرتۈركۈم ياشلارغا، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھەقىقەتەن ئۈنئالغۇ دەۋر سۈرگەن ئەشۇ 90- يىللاردا ئىسكەندەر سەمەت، ئەكبەر قەھرىمان، شىرئېلى قاتارلىق تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدىكى بىرقاتار ناخشىلار دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتلىرىمىزدا، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قىسقا يىغىلىش- ئولتۇرۇشلىرىمىزدا بىزگە ھەمراھ بولاتتى. ئۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك تورخانىغا كىرىپ ئايىقى چىقماس قۇرۇق پاراڭ ياكى ئويۇنلار بىلەن بەند بولىدىغان ئىشلار يوق ئىدى. قىسقىسى شۇ دەۋر ئاجايىپ بىر دەۋر ئىدىكى ئاددىي- ساددا، ئوچۇق- يورۇق ھالدا شۇ ناخشىلارغا جۆر بولۇپ مۇڭدىشاتتۇق، ئىبرەتلىك مىسرالىرىدىن تەربىيە ئالاتتۇق، ھېسسىياتقا تولغان مىسرالىرى ئارقىلىق بىزمۇ دەۋرگە، يېشىمىزغا خاس ھالدا رومانتىك ھېسسىياتتا ئەللەيلىنەتتۇق.
گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسكەندەر سەمەت، ئەكبەر قەھرىمان، شىرئېلى ئابدۇرېشىت .... قاتارلىق بىرقاتار ناخشىچىلىرىمىزنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرىنى، مۇڭلىرىنى ئاڭلىيالمىغان بولساقمۇ بىراق بىز توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار شۇ ناخشىنى ئورۇندىغان ۋاقىتلاردا بەلكىم يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى جۇشقۇن ياشلارنىڭ ۋەكىلى بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ يېشىمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز تۇرمۇشى، پەرزەنتى بار، پەرزەنتلىرى بەلكىم بىرقىسىم ھۆرمەتلىك تورداشلىرىمىزنىڭ يېشى بىلەن تەڭ دېمەتلىكتۇ. بۇ سەۋەب بولمىغاندىمۇ بەلكىم يەنە باشقا بىر سەۋەبلەر باردۇر. بىز بۇ يەردە بۇلارغا قانداقتۇر «ئوچۇق خەت» لەرنى يېزىپ تۇرغاندا ئۇلار يەنىلا ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقاندۇ (گەرچە سەھنىلەردە نومۇر ئورۇندىمىسىمۇ).
بەلكىم كۆپچىلىككىمۇ ئاياندۇر. ئەكبەر قەھرىمان ئەشۇ 90- يىللاردا ئاجايىپ لېرىك ناخشىلىرى بىلەن شۇ دەۋر ياشلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى تېترىتىپ، كۆپلىگەن ناخشىلىرى بىلەن قەلبىمىزدە ئاجايىپ ھاياجانلىق تۇيغۇ بەخش ئەتكەن. مەنمۇ گېتتار، رويال بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىلارغا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدىم، ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ناخشىلىرىغا ھېرىسمەن يۈرەكلەر ئەخمەتجان قازا قىلىپ ئازابقا قالغان شۇ زامانلاردا ئەكبەر قەھرىمان ناخشىلىرى ئارقىلىق كۆڭلىمىزگە تەسەللىي تېپىپ يۈرگەن ئىدۇق. بىراق يېقىنقى زاماندا بۇ ناخشىچىمىزمۇ بىر مەھەل جىمىپ قالغاچقا جەمئىيەتتە خىلمۇ- خىل ئەپقاشتى گەپلەر پەيدا بولدى، كېيىن بىز تۈرلۈك تاراتقۇلاردىن ناخشىچى ئەكبەر قەھرىماننىڭ مەخسۇس گىتتار ۋە ئىسكىرىپكا كەسپىدە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەكبەر قەھرىمان گەرچە گىتتار ئارقىلىق ناخشا ئېيتىپ تونۇلغان بولسىمۇ بىراق كەسپىي ئىسكىرىپكا چالغۇچىسى ئىكەن). |
|