- تىزىملاتقان
- 2011-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2939
- نادىر
- 1
- يازما
- 121
ئۆسۈش
  41.11%
|
ناخشىچىلاردىن بىرى 5-10 كۈن يوقاپ كەتسە سېغىنىپ ئىزلەپ كېتىمىز ، بىز ئۈچۈن ھەقىقىقى جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ ( ھەر ساھە كىشىلىرىمىزنىڭ )نەدە ، نىمىلەرنى قىلىپ ، قانداراق ياشاۋاتقانلىغىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز ! كىملەرنى ، قاچان ، قانداراق سۆيۈشنى ئانچە بەك بىلىپمۇ كەتمەيمىز ....
ئالى مەكتەپتىكى چاغدا بەزىلەر دەل مۇشۇنداق ناخشا -ئويۇنچىلارنى ئىزلەپ يۈرگەندە مەن ياتاقتىكى ئۈچ ساۋاقدىشىمنى ئېلىپ ، دوختۇرخانىغا بېرىپ رەھمەتلىك ئاتىمىز ئابدىرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى يوقلىۋالغانلىغىمدىن مانا تا مۇشۇ دەملەرگىچە ئۆز-ئۆزەمدىن سۆيۈنۈپ يۈرىمەن .
ناھيىمىزگە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۆمەكلەردىن تەشكىللىنىپ ئويۇن قويغىلى كەلگەندە بەزىلەر ھەتتاكى ناھيىمىزنىڭ تولۇق ئىسمىنىمۇ دىيەلمەي ، ناھيىمىزنى ‹ *** يېزىسىغا كېلىپ ئويۇن قويۇپ ،سىلەر بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن › دەپ ،قاپقارا يۇمۇر تۈسىنى ئالغان ‹‹ چولپانلار›› چە سۆزلەرنى تىزىپ يۈرگەن ، قۇدۇق ئاستىدىكى پاقىدەك ، ئونۋېرسال ساپاسى يەسلىدىكى بالامدىنمۇ تۆۋەن ‹ چولپانلار › بىلەن بولۇپ كەتكەندە ، چەتتە يالغۇسسىراپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەن ھۆرمەتلىك ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، دىدار -مۇلاقەتتە بولۇپ تونۇشۇپ ، كەچتە ياتىقىغا بېرىپ ئانچە-مۇنچە مۇڭدۇشۋالغىنىمدىن يەنە بىر مۇنچە سۆيۈنۈپ يۈرىمەن .....
ئۈرۈمچىدە ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلغاندا ،پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەتلەرنى چىقىرىپ ، مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ۋەكىلى ھەسەنجان ئاكىمىز بىلەن سىردىشىپ ، قىممەتلىك مەسلىھەتلىرىنى ئېلىۋالغانلىغىمدىن مانا مۇشۇ دەملەردە سۆيۈنۈپ يۈرىمەن .....
.....................................
بۇ دىگەنلىرىم پەقەت تېما ئىگىسىگىلا قارىتىلغان تار مەنىدىكى ھاياجانلىق پاراڭلىرىم ئەمەستۇر ، خالاس. تېما ئىگىسىنىڭ ئويلىغىنىنى ھەم ھېسىياتىنىمۇ ئەلۋەتتە چۈشىنىشكە بولىدۇ . بۇنىڭغا قارىتىلا مەن چوڭ يەردىن چۈشۈپ ، گېپىمنى يورغىلىتىپ يۈرسەم قاملاشمايدۇ ئەلۋەتتە . بۇ يەردە گەپ -گەپكە توغرا كەپ قالغاچقا ئومۇمى نۇقتىدىن تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى قىلدىم ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزدىن سەمىمى ئۆزرە سورايمەن .
ئاخىرىدا ،ئىسكەندەر سەمەت ئەپەندى مەن سىزنىڭ سودا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن ! ناخشا -مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتىڭىزغا قايىلمەن . مېنىڭچە سودىغا كىرىشىپ بەلەن قىپسىز !
سىز ئىجاد قىلغان ، مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ ئاڭلىغان ھەم ئاڭلاۋاتقان ‹ ساۋاقداش › .........قاتارلىق ناخشا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ، ئاڭلاپ ، سىز ئېيتقان شەرق ناۋالىرىغا ئويناپ -ئويناپ بېششىمىزغا بىرەر تال مونچاق چىقماپتۇ .....ناخشىنى قانچا جىق ئېيتىپ ، ئۇسۇلغا قانچە كۆپ دەسسىگىنىمىز بىلەن بۇ رىقابەت دۇنياسىدا ،ئىشلىرىمىزمۇ ئاشۇ ئۇسۇلغا دەسسىگەندەك ئالدىغا ماڭماي بەلىكى كەينىگە دەسسەيدىكەن ( مۇۋاپىق پەيىتتىكى ، مۇۋاپىق سۈپەت ھەم مۇۋاپىق مىقتاردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ زۆرۆرلىگىنى چەتكە قاقمايمەن ، ئەلۋەتتە ) . دىمەكچى ، سىز بولسا سودىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ياخشى ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ، بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان ، ئوقۇشسىز قالغان يىتىم -يىسىر قىزلاردىن ھېچ بولمىغاندا ئىككى ، ئۈچىنى ئوقۇتۇپ قويسىڭىز ! مۇشۇ قىزلار ياخشى ئوقۇپ ، ياخشى ساپالارغا ئىگە بولۇپ ، ياخشى ساپالىق ئانىلارغا ئايلانغاندا تەنتەنە قىلىپ ناخشا دىگەننى بولىشىچە توۋلىساقمۇ ئۈلگۈرىمىز ، ھامان ئۈلگۈرىمىز !
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پاراڭلار تاققا -تۇققا بولۇپ قالدى ، سۆيۈملۈك دوستلىرىمىزنىڭ ،پۇتاقچى دۈشمەنلەر نۇقتىسىدىن يىراق تۇرۇپ ،قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن ، شاكىلىنى چۆرۈپ تاشلاپ ، قوبۇل قىلغۇدەك مېغىزى بولسا قوبۇل قىلىشلىرىنى ، ناۋادا ھەممىسى شاكال بولسا ، يەنىلا شۇ قېرىنداشلىق مېھىرلىرى بىلەن ئاستاغىنە سۈپۈرۈپ تاشلاشلىرىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن ! |
|