- تىزىملاتقان
- 2012-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3950
- نادىر
- 0
- يازما
- 206
ئۆسۈش
  70%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 00:38
1. ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان قىزلار .
بۇنداق قىزلار كىچىكىدىن تارتىپ ئانىسىغا يۆلىنىپ ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئانىسىغا يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ؛
2. پوچى قىزلار.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق قىزلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۆي تۇتۇش، ئائىلە باشقۇرۇش سەنئىتىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛
3. شەخسىيەتچى قىزلار.
بۇنداق قىزلار سىزنىڭ نېمە بولۇشىڭىز بىلەن كارى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى تەييار بولسا، ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولسىلا بولدى، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايدۇ.
4. كۆڭلى قارا قىزلار.
بۇنداق قىزلار قانداق رەزىل ۋاستە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، كۆزلىگىنىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ؛
ھاراق ئېچمەيدىغان ، قىمار ئوينىمايدىغان يىگىتلەر. ئۆمرۈم خورىمىسۇن دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىزلاردىن نېرى تۇرۇڭ؛
5. ئۈجمە كۆڭۈل قىزلار.
بۇنداق قىزلارنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى ئاساسەن قاملاشقان ،پۇلدار يىگىتلەر بولۇپ، بىرىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە باشقا بىرىگە ئىنتىلىدۇ؛
6. پۇل تېپىشنىلا بىلىپ، خەجلەشنى بىلمەيدىغان قىزلار .
جاپاغا چىداپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئەر بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھازىرقى جەمىيتىمىزدە قىزلارمۇ ئىشلەپ پۇل تېپۋاتىدۇ ، لېكىن تېپىشنىلا بىلىپ، خەجلەشنى بىلمىگەن قىزلار تويدىن كېيىن يا ئۆزى خەجلىمەي، يا ئىرىگە خەجلەتمەي چىڭگىزلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
7.ئۈزگىرىشچان قىزلار
بۇنداق قىزلار ئادەتتە ناھايىتىمۇ تۇراقسىز كېلىدۇ ، يېڭى تونۇشقان مەزگىللەردە بۇنداق خۇسۇسىيتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ ، رەسمىي ئارلىشىۋاتقان مەزگىللەردىمۇ بىركۈن سىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلسا ئەتىسىلا سەل مۇئامىلىسى باشقىچە بولۇپ قالىدۇ ، ئىككىلنىش خاراكتىرى تولىمۇ ئېغىر ، شۇڭلاشقا ئەھۋالغا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن قانداق ئوينىڭ بارلىقىنى سوراپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك ،
8.پۇلغا ئامراق قىزلار
بۇنداق قىزلار سىزنى ياخشى كۈرۈپ سىز بىلەن توي قىلغان ئەمەس بەلكى سىزنىڭ مال دۇنيايىڭىز بىلەن توي قىلغان بولىدۇ ، ئەگەر سىز مال دۇنيايىڭىزدىن ئايرىلغان كۈنى ئۇ سىزنى تاشلاپ غايىپ بولىدۇ ، شۇڭلاشقا ئارلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ مال دۇنيا توغۇرلۇق گەپ سۈزلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ كۈرىشىڭزى تولىمۇ زۈرۈر ،
9.ھاكاۋۇر قىزلار
بۇنداق قىزلار ئادەتتە سىزنىڭ ھېسياتىڭىز بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ، كۈڭلىڭىزنى ئايىماي ئېغزىغا كەلگەننى دەۋېرىدۇ ، ئۈزىنى جاھاندا بىرلا دەپ ئويلايدۇ ، باشقىلارنىڭ ئۈزىگە قانداق قارايدىغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ، بۇنداق قىزلارنىڭ ئېرى بولۇپ قالسىىڭىز بەلكىم ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز ، دوسلۇرىڭىزنىڭ ئالدىدا يۈزىڭزى قالماسلىقى مۇمكىن ،
10. سۈلەت قوغلىشىدىغان قىزلار
بۇنداق قىزلارنىڭ خاراكتىرى ئادەتتە پۇلغا ئامراقلار بىلەن ئوخشىۇشۇپ كېتىدۇ ،لېكىن پۇلغا ئامراقلاردىن سەل ياخشىراق ، كىيم كېچەك بولسىلا بولىدۇ ، ئېسىل مودا كىيىنىش بۇنداق قىزلارنىڭ نىشانى بولۇپ جىق پۇلىڭزى بولمىسا ئەھۋالىڭز يەنىلا خەتەرلىك . |
|