- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1568
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
  1.94%
|
tozan يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 03:16 
ئاتا-ئانا دەپ بىكا دىمەيمىز.بالىنى تۇغۇپ ئىت كۈچۈكلەپ ...
ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشتا باراۋەر تۇرۇش ئوخشاش گەپ ئەمەس، سىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن باراۋەرلىك تالىشىدىغانغا بىر ئايال ئەمەس، بەلكى بىر قىزغا دادا بولغان ئەر. ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر بىر تۇرمۇشتىكى كونكىرىت ئىشلاردا روبىرو تورۇپ، ئوخشاش ئىشنى ئوخشاش بىر سىياقتا ئىش قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش ھۆرمەتلىنىش، ئارزۇسىنىڭ، پىكىرىنىڭ ئوخشاش ئېتراپقا ئېرىشىش، ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بار بولسا، ئەرلەرگىمۇ ماس ھالدىكى ئەرگە چۇشلۇق تەلەپ قويۇلۇپ باھالىنىشى كىرەكلىكىنى ۋە ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنىڭ پەزىلەتلىرىگە ئاساسەن ئەرنى تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىنى ھەم ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلاردا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىش دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
سىز دىگەندەك تاماك چېكىش، ھاراق-ئىچىش مەيلى ئەر قىلسۇن ئايال قىلسۇن ھەممىسى ناچار ئىللەت. ئەرلەر قىلسا يارىشىدۇ، توغرا چۈشىنىش كىرەك، ئاياللار قىلسا بەك گۇناھ دىسىڭىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ بىقىڭ، ئەگەر شۇنداق دىيىلگەن بولسا سىزنىڭ توغرا، بولمىسا گەپلىرىڭىزنىڭ ھىچبىر ئاساسىي يوق.
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنى ياخشى تەربىيىلەشلا ئەمەس، ئوغۇلىنىمۇ ياخشى، پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيلەش مەسئۇليىتى بار. تەلەپنى قىزلارغىلا قويۇپ ئوغۇللارغا قويماسلىققا بولمايدۇ. بولمىسا ئوغۇللارنىڭ ساپاسى قەدەممۇ-قەدەم تۆۋەنلەيدۇ. |
|