- تىزىملاتقان
- 2012-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 687
- نادىر
- 0
- يازما
- 45
ئۆسۈش
  71.75%
|
urkesh يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 13:52 
تاقا -تۇقىلىرىنى ئەمدى يۇغۇشتۇرمىسىلا ئۇششاق بالىلارن ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سىز گۈلەننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ يازدىڭىزمۇ - يا بۇ ئىنكاسنى؟
گۈلەننىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ناھايىتى ئېنىق.
ئانا تىل يەسلىلىرنى قۇرۇش يولىدا دېگەن تېمىدا بولۇۋاتقان گەپ سۆزلەر سىزگىمۇ ئېنىق. ئانا تىل يەسلىسى مەسىلىسىدە، نورۇز پائالىيىتى بەزى تورداشلار ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە تونۇلغان شەخسلىرىمىز دەپ قارالغان كىشىلىرىمىزنىمۇ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىش توغرۇسىدا پىكىر بەردى. قانۇنىي يول قېرىندىشىمىز ئۇلارغا باغاق ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىنى توردا ئېلان قىلدى. بەزى تونۇلغان، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىرىمىزنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرى ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا خوتەندە ئۇيغۇر زىيالىرىدىن ھۆرمەتلىك ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق بىر قانچە زىيالىلىرىمىزنى لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى، بۇ مەيداندا قوش تىل مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال سورىغاندا ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويدى.
بۇ سەۋەپتىن توردا ئۇلاردىن ئاغرىنغانلىق توغرىسىدا ئىنكاسلار پەيدا بولدى.
گۈلەن ئەپەندى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ھەر كىشىنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقوقلىرىنىڭ بارلىقىنى، بېيجىڭدا ياشاۋاتقان بىر خەن ۋەتەنداش بىلەن قەشقەردە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ۋەتەنداشنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقوق جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا قانۇنىي ھەق - ھوقوقلىرىنى قوغداشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقوقلىرىنى ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قولغا قولىغا ئېلىشى ۋە قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىدە ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ. يولنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردا داۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتھەم بوپتۇ دېگەن ماقال بار. گۈلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ئۆز دىنى ئېتىقادىغا لايىق كېينىش ( كوممۇنىستلار ئەزالىرى بۇنىڭ سىرتىدا )، ساقال - بۇرت قويۇش ھوقوقلىرىنىڭ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ۋە بۇ قانۇنلار ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغان بۇ قانۇنىي ھەق - ھوقوقلىرىغا ئىگە چىقىشى ۋە بۇ قانۇن ماددىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلىشىغا ئاكتىپ قانتىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.
تاقا - تۇققا سۆزلىدى دېيىشكە توغرا كەلسە، تاقا - تۇققا گەپ - سۆز قىلىۋاتقان، ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ ئېچىتقۇلۇق رولىنى ئويناۋاتقان دەل ئۆزىڭىز.
سىزنىڭ نامىڭىز، پىكىرلىرىڭىز ئانا تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇش يولىدا دېگەن تېمىدا مەشھۇر، شۇنداققۇ؟ |
|