- تىزىملاتقان
- 2013-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 570
- نادىر
- 0
- يازما
- 72
ئۆسۈش
  42.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kundabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 01:57
بۇ تىما گۈلەن ئەپەندىنىڭ كەڭ قوساقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بىراق مەن ئۇنچە كەڭ قوساق بولالمايدىكەنمەن. كەچۈرۈڭلار دەردىمنى تۆكىۋالاي، بەلكىم ئازراق يەڭگىللەپ قالارمەن.
كۆز ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى جاپا مۇشەققەتتىن قورىقماي ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ھەل قىلىۋاتقان گۈلەن ئەپەندى بىلەن قانۇنى يول قىرىندىشىمىزغا نەزەر سىلىپ باقايلى،نەچچە مىڭلىغان تورداشلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىختىزادى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بانكا ھىساپ نۇمىرىنى سورىغاندا ئۇلار چىرايلىقچە رەت قىلدى. مانا بۇلار ئاللا رىزاسى ئۈچۈن خالىس ئىش قىلىۋاتقان ھەقىقىي زىيالىلىرىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئەجەبا ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقما؟ ئۇلار پۇلغا ئىھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ تىخى يىقىندا خوتەندە زور ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۈي ماكانسىز قالدى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقمۇ؟
دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىتىزىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشارغا سىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يۇقمۇ؟
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ‹ ئىشەك ئۆلسە قوڭى غەجەك تارتىپتۇ دىگەندەك › بۇ كاتتا جەمىيەت شۇناس ئەرباپلىرىمىز << مۇھەممەد سالىھ دامۇللام بۇنىڭ سىرتىدا>>
1200 يۇەندىن بىلەت سىتىپ مەدداھلىق قىلماقچى بولىشىۋاتىدۇ. قىنى ئەركەكلەر سىلە؟ قىنى مىللەتنىڭ تۈرىكى بولغان زىيالىلار سىلەر؟ قىنى بىز نەچچە يىللاردىن بىرى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان ئۇستازلار؟ ئۆزۈڭلارنى ،‹‹ئاتالمىش قوشتىل يەسلىسىدە قىينىلىۋاتقان بىچارە بالىلىرىڭلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ياكى ئۈيىسىگە ئوت كىتىپ ماكانسىز، چارىسىز قالغان قىرىنداشلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ۋەياكى ئايىقى ئۈزۈلمەس ھاشارنىڭ دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن ئاتا بوۋاڭلارنىڭ ›› ئورنىغا قۇيۇپ ۋىژدانىڭلار بىلەن جاۋاپ بىرىڭلار؟ ئائىلە باشقۇرۇش تىمىسىدىكى لىكسىيە نى سۈزلىگەنگە ھاشار تۈگەپ قالامدۇ؟ ئوتتا كۈيۈپ كۈل بولغان ئختىزاتى زىيان ،دەرىت-ھەسرەتلەر ئورنىغا كەپ قالامدۇ؟نا تونۇش تىلنى بىلمەي قىينىلىۋاتقان ،ئاتا ئانىسىنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشكە نەقەدەر تەشنا بولىۋاتقان ئەشۇ سەبى بالىلىرىڭلارغا بىردىنلا تىل چىقىپ قالارمۇ؟
ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى توغرا يولدا ئىشلىتەيلى قىرىنداشلار، رىئاللىققا يۈزلىنەيلى. ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز ئالدىمايلى. ‹‹ئوۋچىنىڭ ئالدىدىكى نادان كىيىكتەك ›› نەپسىمىزگە بىرىلىپ ئۆزىمىزنى ھەم گۈدەك پەرزەنىتلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلىمايلى .كۆز ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەت بىر مەخسەتتە بىرلىكتە ھەلقىلىشقا تىرىشايلى.
كەڭ تورداشلارنىڭ، شەكلى ئۆزگەرگەن پىسخىكا ئوغورلىرىدىن پەخەس بولىشى ئۈچۈن ئەسكەرتىلدى،، ، |
|