قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 969|ئىنكاس: 32

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

589

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16509
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saipidineli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 17:54  

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
ئۆمەر ھەييامنىڭ تۇغۇلغان،ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى ۋە تۇغۇلغان يېرى ئۈستىدە ئىختىلاپ بار.بەزى ئالىملارئۇنى 11-ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا،بەزىلىرى كىيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغان دىيىشىدۇ.1926-يىلى لوندون شەرق تەتقىقات ئىنىستىتوتى ناملىق ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇرغان دىنسون روس ئىسىملىك ئېنگىلىز ئالىم ئۆمەر ھەييامنىڭ مىلادى 1040-يىلى تۇغۇلغانلىغىنى ،يەنى ساۋاقدىشى ھەسەن ساباھىدىن ئون يىل بۇرۇن تۇغۇلغانلىقىنى يازىدۇ.بىر قىسىم تارىخچىلار ئۆمەر ھەييام خۇراسان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى نىشاپۇردا تۇغۇلغان دەپ يازسىمۇ ،لېكىن بۇ ھەقتە كۈچلۈك دەلىل يوق.ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرىدىن قەتئىنەزەر،ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسنى نىشاپۇر شەھرىدە ئۆتكەنلىكى ئېنىق.
'ھەييام،-ئۆمەرنىڭ شائىرلىق تەخەللۇسى،ئەدىبىي لەقەم.[خەييام]سۆزى ئەسلى ئەرەبچە بولۇپ،خىمە[چېدىر،بارگاھ]دىگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن،مەنىسى-چېدىرچى دىمەكتۇر.ئۆمەرنىڭ ئۆزىگەخەييام[ئادەتتە ھەييام دەپ قوللىنىلماقتا]دىگەن سۆزنى تەخەللۇس قىلىپ قويۇشى توغرىسىدا تۈرلۈك كۆز قاراشلار بار.


قۇش ئىدىم،ئۇچتۇممەن 'سىر دۇنياسى'دىن،
يىتەي دەپ يۈكسەككە،ئۆتۇپ پەردىدىن.........
تاپمىدىم بۇ جايدا سىرداش بىر كىشى،
چىقتىممەن ئاستا ئۇ كىرگەن ئىشىكتىن.

كىچە مەن تۇيغۇمدا ساماغا چىقىپ،
دوزاق ھەم بېھىشنى يۈردۈم ئاختىرىپ.
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ،دوزاق ھەم بېھىش
ئۆزەڭدە-دىدى ئۇ،-يۈرمىگىن ئېزىپ.

ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش،
ئاقمىغاي ئالەمدە بىرىيا بولۇش،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم،
كەتكۇزدى،ئاھ-قازا،تەدبىرىمنى بوش.

بولمىساڭ ئوۋچىسەن،ئوۋدىن قىلما بەھس،
بىلمىگەن نەرسەڭنى تەپسىر قىلما،تەس....
كىم مەنا سورىسا،سەن كۆرگەننى ئېيت،
ھېچقاچان ئۇستازىڭ كۆرگەننى ئەمەس.

بولسا ھەر كىشىنىڭ بىر پۇچۇق نېنى ،
پاتقۇدەك ماكانى باشۇ ھەم تېنى.
ھېچكىمگە بولمىسا يا قۇل،يا خوجا،
دۇنيادا بەختلىك سانىغىن سەن شۇنى.

بار ئىمىش'پەرۋىن'دەپ كۆكتە بىر كالا،
كۆتەرمىش ھەم بىرى يەرنى ئاستىدا .
بۇ ئىككى ئۆكۈزنىڭ ئورتىسىدا سەن،
يۈرۈشكەن بىر تۈركۈم ئېشەككە قارا.

ھەر ۋاقىت تاڭ ئاتسا ئالەم يالتىراپ،
ئوينىسۇن قولۇڭدا جام بىلەن شاراپ.
خەلقتە بىر ماقال بار؛'ھەق ئاچچىق'دىگەن،
ھەق دىسەك شارابنى،شۇ مەنتىقچە باب.

ئايرىمىش دىن يەتمىش ئىككى دەپ مىللەت،
مەن بولاي باشقىراق بىر ئەجەپ مىللەت؛
يوق كۇپرى،يوق ئىسلام،يوق گۇناھ-ساۋاپ.....
باناڭنى قوي نېرى.سەن ئۆزەڭ مەقسەت.

قولۇمدىن بۇ كۆڭلۈم چىقىپ كەتسە گەر،
ئۇ،دەريا-بارماقچى جايىنى بىلەر.
جا سوپى-تار قاچا ،مەنمەنلىك بىلەن،
تامچە سۇ ئارتۇق قۇي،ئۇ تېشىپ كىتەر.

ئەجەل ئوق ئاتقاندا قالقىنىڭ بىكار،
ئېغىناپ ئالتۇندا ياتقىنىڭ بىكار.
تەكشۈردۈم ئالەمنى....ياخشىلىق ياخشى،
بۇنىڭدىن باشقا گەپ ساتقىنىڭ بىكار.

رەنجىتمە خەلقنى سەن،رەنجىتسەڭ ئەگەر،
تۈن يېرىم بولغاندا نالە -زار ئېتەر.
تايانما مۈلكىڭگە،رەڭگى-رويىڭغا،
ھەر بىرىن بىر كىچە،ئۇ ئېلىپ كىتەر......

ئۆمەر ھەييام  رۇبائىيلىرى.مىللەتلەر نەشرىياتى1981-يىل3-ئاي

داۋامىنى داۋاملىق يوللايمەن.قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات خەنچە بىلسىڭىز ئۇيغۇربىز تورىدىكى خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇرسىڭىز  
http://173.252.233.132بۇ ئارقىلىق ئۇ تورغا چىقالايسىز  (قانۇنسىزلىرىغا چىقماڭ)
www.uighurbiz.netبۇ  ئىلھام توختىنىڭ تور بېكىتى شۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئومەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن  !!!     تېما ئىگىسىگە رەھمەت
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

138

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17326
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام روبائىلىرى نامىدا  خەلق ئارسىغا تارالغان  نورغۇن روبائىلار بار.  لىكىن بۇ توغرىسدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.  ئۆمەر ھەييامدىن كىيىن نورغۇن روبائىلار دىن دۇشمەنلىرى تەرپىدىن ، ئۆمەر ھەييام نامىدا توقۇپ ، تارقالغان.  بۇ روبائىلاردىكى كۆز قاراشلار ئىسلام دىنىڭ تۈپ روھىغا خىلاپ. شۇڭا ئەزىزلەر ھەقنىڭ ئۆلچىمى قولمىزدا شۇنى تۇتقا قىلىپ قارىساق ھەممە ئايان بولىدۇ.
تۈۋەندىكى روبائىلىرى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن :
ئەزەلدە لېيىمنى ئەتكەندە خۇدا،
بىلەتتى پەيلىمدىن نىم بولار پەيدا.
ھۆكمىدىن تاشقىرى ئەمەس گۇناھىم،
نېمىشقا مەھشەردە بېرىدۇ جازا؟
،،،
بارلىق ۋە يوقلۇققا قاراتقۇچى سەن،
دۇنيادا ھەر ئىشنى تاراتقۇچى سەن.
مەن يامان بولساممۇ سېنىڭ بەندەڭمەن،
مەن نىچۈك گۇناھكار؟ ياراتقۇچى سەن
مەيپەرەس دېسەڭلار، خۇددى ئۆزىمەن،
پاسىق مەسىت دېسەڭلار، خۇددى ئۆزىمەن.
سىرتىمغا قاراپلا ھۆكۈم قىلماڭلار،
تازا پەس دېسەڭلار، خۇددى ئۆزىمەن


باھار ئەييامىدا گۈزەل پەرىزات،
بىر كاسە مەي بىرىپ ،قىلسا دىلنى شاد.
كىشىلەر نەزىرىدە خۇنۈك بولسىمۇ ،
ئىت بۇلاي، جەننەتنى بىر بار قىلسام ياد.

كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل

تۆۋەندىكى  ماقالىنىمۇ ئوقۇپ بىقىڭ !
ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟


شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
كەتمەنباينىڭ بايانى:
مەزكۇر ماقالە ئۆزبەكىستانلىق مەشھۇر ئۆلىما ھۆرمەتلىك شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف جانابلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۆزبەكچە تور بىكەتتىن چۈشۈرىۋالغان ئىدىم ۋە چالاراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ 2008-يىلى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»دە، شۇنداقلا 2009-يىلى «http://ketmenbay.blogspot.com/»دا ئىلان قىلغان ئىدىم. بىر قىسىم مۇنبەرلەرمۇ كۆچۈرۈپ باسقان ئىدى. لېكىن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن توربىكەت-مۇنبەرلەرنىڭ ۋە بلوگلارنىڭ تاقالغانلىرى تاقىلىپ، ئېچىلمايدىغانلىرى ئېچىلمىدى. يېقىندا «http://uyghuracademy.com/?p=10272»نى زىيارەت قىلىۋىتىپ بۇ ئەمگىكىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە كومپىيوتىرىمدا ساقلىۋالدىم. ئۇلار بۇ ئەمگىكىمنى «كەتمەنباي.بلوگسپوت»تىن كۆچۈرۈپ باسقان ئىكەن.
بىزدىمۇ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغا قارىتا قىزىقىش زور بولغىنى ئۈچۈن، «ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرۈۋالسۇن» دىگەن مەقسەتتە، بۇ قىتىم بۇ ماقالىنى تولۇقراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، قايتا بىر قىتىم تەھرىرلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

  
Shayx Muhammad Sodiq Muhammad Yusuf

«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» دەب ئاتالمىش شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ مىقياسدا مۇھاكىمە قىلىش باشلاندى. بۇ رۇبائىيلار دۇنيانىڭ كۆپلەپ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەممە جايلاردا ئوقۇش باشلاندى. ئۇ رۇبائىيلارغا مەشھۇر بەستەكارلار كۈي بەستەلەب، خانەندەلەر ناخشا قىلىب ئېيتىشتى. مەزكۇر رۇبائىيلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىگە رام قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بۇ رۇبائىيلاردا مەيخورلۇقنىڭ مەدھىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ھاياتلىقتا ئىلاجى بارىچە لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ بارەدە ھېچ كىمگە، ھېچ نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كەبى نەرسىلەر ئىدى.
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلق ئاممىسىغا كاتتا تەسىر قىلىشى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – ئىنسانلارنىڭ مەنەۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. دەرھەقىقەت، ئەدەبىيات كىشىلەردە يۇكسەك ئىنسانىي قەدىرىيەتلەر، ئەخلاق-ئەدەب، ياخشى سۈپەتلەرنى شەكىللەندۇرۈش، بارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كەبى ئېزگۇ نىيەت ۋە ئىشلارغا خىزمەت قىلمىقى دەركار. ئىسلامىي ئەدەبىيات ئەينەن ئەنە شۇ مەقسەدلەرگە خىزمەت قىلىش بىلەن باشقىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ھەممە ساھەلەردە بۇزغۇنچىلىك بولغاندەك، بەزى ئىنسانلار ئەدەبىياتتىن مەزكۇر ئالىي قەدىرىيەتلەرگە ئېرىشىش يولىدا ئەمەس، بەلكى ئەدەبسىزلىك، ناچار ئىشلار، دەھرىيلىك ۋەھاكازالەرگە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇب، بۇزغۇنچىلىك قىلغانلەر ۋە قىلماقتىلەر.
مۇسۇلمان دۇنياسى ئۆزىنىڭ بۈيۈك شائىرلىرى بىلەن ھەم مەشھۇردۇر. ئادەتتە، مەزكۇر شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇكسەك مەنەۋىي ئەسەرلىرى بىلەن نام قازانغانلەر. دۇنيادا مۇسۇلمان شائىرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا، ھىكمەتكە باي، ئىنساننى يۇكسەك ئەخلاقىي ۋە مەنەۋىي چوققىلارغا باشلىغۇچى شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ھەممە چۈشىنىشىدۇ.
ئەمما، بەزى ھاللاردا ئەدەبىي دۇنيادا ئىسلامىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بۇزۇلدى.
ھەممە «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» دەپ ئاتالمىش شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ مىقياسدا مۇھاكىمە قىلىش باشلاندى. بۇ رۇبائىيلار دۇنيانىڭ كۆپلەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەممە جايلاردا ئوقۇش باشلاندى. ئۇ رۇبائىيلەرگە مەشھۇر بەستەكارلار كۈي بەستەلەب، خانەندەلەر ناخشا قىلىب ئېيتىشتى. مەزكۇر رۇبائىيلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىگە رام قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بۇ رۇبائىيلاردا مەيخورلۇقنىڭ مەدھىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ھاياتلىقتا ئىلاجى بارىچە لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ بارەدە ھېچ كىمگە، ھېچ نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كەبى نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ رۇبائىيلاردا كۇفر، دەھرىيلىك ۋە بىر قانچە بۇزۇق مەزھەبلەر مەفكۇرەسى ھەم ئۆز ئورنىنى ئالغان ئىدى. مەزكۇر مەفكۇرەگە بېرىلگەن ۋە ئەيشۇ-ئىشرەت، مەيخورلۇققا مايىل كىشىلەر ئۆمەر ھەييامدەك «كاتتا ئۇستاز» تاپقانلىرىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئۆز مەقسەدلىرى يولىدا ئىشلىتىشەر ئىدى. بۇ بىئەدەبلىككە قارشىلەر بولسا، ئۆمەر ھەييامنى «كافىر، دەھرىي، باتىنىي، شەرىئەتنى ئاياق ئاستى قىلغۇچى» دەب فەتىۋا چىقىرىشار ئىدى. ئۈچىنچى بىر تائىفە بولسا، «ئۆمەر ھەييامدەك ئادەمنى بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ سوفىيلىق مەزھەبىدە ئىكەن، يازغان شېئىرلىرى رەمزىي، بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارگەرلىك كىرەك» دېيىشەر ئىدى. ئەمما بۇ پىكىرگە ھېچكىم ئېتىبار بەرمەس، ھەممە ئىسلام دىنى بەلگىلىگەن چىگرادىن چىققان شائىر تېپىۋالغىنىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنى كۆكلەرگە كۆتۈرۈب ماختاش بىلەن بىرگە، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ناملانغان ئەسەرلەرنى كەڭ تارقىتىشقا، ئۇلاردىكى چاقىرىقلارغا ئەمەل قىلىشقا ئاشىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلامىي ئەدەب-ئەخلاق دائىرىلىرى پارچىلىنىب بارار ئىدى.
«رۇبائىيات» ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ھەم كەڭ تەرغىب قىلىندى. قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. چۈنكى، بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەڭ ھاراقخور جەمئىيەت ئىدى. رۇبائىيلاردىكى مەيخورلۇق ماۋزۇسى ئۇلارغا بەك ياقاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھاراقخور جەمئىيەتنىڭ، ئەڭ ھاراقخور شائىرلىرى «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ئاتالمىش ئەسەرلەرنى تۈرلۈك تىللارغا، جۇملىدىن، ئۆزبەك تىلىغا ھەم تەرجىمە قىلىشتى. ھېچكىم بۇ رۇبائىيلار ھەققىدە جىددىي ئويلىماس، ئىلمىي ئاساستا بەھس قىلىشنى خىيالىغا ھەم كەلتۈرمەس ئىدى.
ئەمما، ۋاقتى كېلىپ ئەنە شۇنداق ئىنسان ھەم تېپىلدى. بۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەندىشىمىز، ئەللامە ئەبۇ نەسر مۇبەششىر تەرازىي ئىدى. ئۇ كىشى بىرىنچى بولۇب «بۇ ‹رۇبائىيات› – ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ئۇ كىشىگە نىسبەت بېرىلگەن» دەب چىقتى ۋە بۇ پىكىرنى «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەتى ئۆمەرۇل ھەييام»، يەنى: «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن پەردەنى ئېچىش» ناملىق ئەرەب تىلىدا يېزىلغان كىتابلىرىدا ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىب بەردى. ئەللامە تەرازىي بۇ كىتابىنى ھىجىرىيە 1375-يىلى جامادىيەل-ئاخىرنىڭ 13-كۈنى، مىلادىيە 1956-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (پەيشەنبە كۈنى) يېزىپ پۈتتۈرگەن ئىدى.
ئۇ كىشى ئۆمەر ھەييام ھەققىدە، ئەۋۋەل ئېيتىلغان پىكىرلەرگە ئېتىبار بەرمەي، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىنى ئەۋۋەل باشتىن، ئاساسىي ۋە ھەقىقىي مەنبەلەردىن ئۆگىنىپ چىقىپ، ئۆمەر ھەييامنى مەشھۇر قىلغان رۇبائىيلار ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
ئەبۇل فەتھ غىياسىددىن ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم ھەييام نىشاپۇرىي بىلەن ئەسرداش، ساۋاقداش بولغان ۋە ئۇندىن كېيىن ياشىغان بارچە تارىخچى ۋە ئالىملارنىڭ، جۇملىدىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ھەسەن ئەھمەد ئىبن ئۆمەر ئىبن ئەلى ئەن- نىزامىي ئەل-ئەرۇزىي سەمەرقەندىي ئۆزىنىڭ «چاھار مەقالە»، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبن مەھمۇد شەھرزۇرىي «نەزھەتۇل ئەرۋاھ ۋە رەۋزەتۇل ئەفراھ» ئەسەرىدە، زەھرىددىن بەيھەقىي «ھۇكامائۇل ئىسلام» كىتابىدا يېزىپ قالدۇرۇشلىرىچە، ئۇ كىشىنىڭ تەقۋا بىلەن ياشاپ، ئاقىۋىتى ياخشى ھايات ئۆتكەزگەنلىكى، ئۇلۇغ ۋە مۆتەۋەر بىر ئىنسان ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۆمەر ھەييام كاتتا ئىلىم ئىگىسى، فەلەكىيات، رىيازىيات، تىب كەبى ئىلىملەردە ئۆز زامانىسىنىڭ پىشقەدەمى بولغان.
مەشھۇر ئىنگلىز تارىخچىسى گىبان ۋە نېمىس ئالىمى كەرل براكەلمەنلەر ئۆمەر ھەييام تۈزگەن تەقۋىم-كالىندار ھازىرقى ئەمەلدىكى «گىئەرگىي كالىندارى»دىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقان. شۇنىڭدەك، باشقا ئىلىملەردە ھەم ئۆمەر ھەييام نادىر ئەسەرلەر ياراتقان.
«كەشفۇل لىسام» كىتابىنىڭ مۇئەللىفى ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى يۇقارىدە زىكر ئېتىلگەن دەلىللەرنى ئۆز كىتابىدا ئېنىق ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئۇ كىشى شۇ بىلەن بىرگە، ئۆمەر ھەييام ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭغا ئەسرداش كېيىنكى ۋاقىتتا ياشىغان ئالىملەردىن بىرەرسى ئۇنىڭ شائىر بولغانلىقى، رۇبائىيلەر يازغانلىقىنى زىكر قىلىشمىغىنىنى ھەم، مەزكۇر نامەلۇم «رۇبائىيات» ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئەللامە تەرازىينىڭ پىكرىچە، ئۆمەر ھەييام بوش ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن شېئىر مەشق قىلىپ كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن، لېكىن ئاساسىي ئىشى شائىرلىق بولمىغان.
تەرازىي ھەزرەتلەرى مەزكۇر رۇبائىيات ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە يەنە باشقا دەلىللەرنىمۇ كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن بولغان، پادىشاھلار، ئەمىرلەر، ئۆلەمالەر، فازىللار بىلەن دائىما بىرگە بولغان، ئەگەر ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىۋاتقان رۇبائىيلارغا ئوخشاش بىرەر نەرسە يازغان بولسا، دەرھال ھەممىگە مەشھۇر بولار ئىدى. ئىسلامغا غەيرەتلىك كىشىلەر بولسا، بۇنى ئېتىبارسىز قالدۇرماستىن، رەددىيە بېرەر ئېدى. ھالبۇكى، ئەرۇزىي سەمەرقەندىي، ئەللامەئىي زەمەخشەرىي، قازى نەسەۋىي، ئىمام ئەبۇ ھەسەن ئەل-غەززالىي ۋە خۇسۇسەن، ھۇججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي كەبى كىشىلەر ئىسلامغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر بىر پىكىرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇلار ئۆمەر ھەييام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ۋە ئۇ كىشى ھەققىدە پەقەت ياخشى گەپلەرنى ئېيتىشقان.
ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى ئۆمەر ھەييامنىڭ پاكلىغىنى، «رۇبائىيات» ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن يەنە بىر كۈچلۈك دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەقىقىي پىكرى، پەلسەپەسى ۋە ئېيتقان گەپلىرىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن كەلتۈرۈپ، ئۇلار رۇبائىيلاردا كەلگەن پىكىرگە تامامەن زىت، بەلكى ساپ ئىسلامىي پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ.
تەبىئىيكى، «ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ ئۆمەر ھەييام شائىر سۈپىتىدە تونۇلۇپ، رۇبائىياتى پۇتۇن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەتكەن؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. بۇ سۇئالغا ئەللامە تەرازىي ئۆز كىتابىدا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ يېزىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييام ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ ئىنگلىز ئالىمى، ئوكسفورد دارۇلفۇنۇنىنىڭ ئۇستازى تەمىس گەيد مىلادى 1700-يىلى، كېيىنرەك فەن گەمىر بىرگىستىل ۋە مىمى نىكەلەسلەر يازىدۇ.
1856-يىلى ئىنگلىز شائىرى ئىدۋارد فىتس جەرەلد يەتمىشچە رۇبائىينى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئامىللار سەۋەبلىك، ھەممىگە مەشھۇر بولۇپ كەتتى. جەرەلد بۇ تەرجىمە ھەققىدە ئۆز ئۇستازى گاۋلغا يازغان مەكتۇبىدا، «مەن بۇ رۇبائىيلارنى ئۆز ئەسلىدەك تەرجىمە قىلمىدىم، بەزى جۇزئىياتلىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتىم»، دەب تەكىتلىگەنلىكىنى ھەم ئەللامە تەرازىي دەلىل كەلتۈرىدۇ. بۇ تەرجىمىگە غەربتە شۇنداق ئەھمىيەت بېرىلدىكى، ئۇ بارچە يۇرتلاردا قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. ئۇ رۇبائىياتنىڭ ئەسلى دەپ قوبۇل قىلىندى. سۆڭرە ئەرەب، ئۇردۇ، تۈرك ۋە باشقا شەرق تىللىرىغا ھەم ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى.
غەربتە «ئۆمەر ھەييام كۇلۇبلىرى» تۈزۈلدى. رۇبائىي ئوقۇپ، مەي ئىچىش يولغا قويۇلدى. تەرجىمان جەرەلد ۋاپات ئەتكىنىدە، ئۆمەر ھەييام قەبرىسى ئۇستىدە ئۆسىۋاتقان گۈلدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە تىكىشتى ۋە قەبرە تېشىغا مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى يېزىشتى. غەربنىڭ شەرقتىكى دۇملەرى بۇ بارەدە ئۆز ئۇستازلىرىدىن ھەم ئۆتۈپ كېتىشتى. بۇ «رۇبائىيلار» دىنسىزلىك، ھاراقخورلۇق، فاھىشە قاتارلىق ئىشلارنىڭ شۇئارى بولۇپ قالدى.
«كەشفۇل لىسام» كىتابى مۇئەللىفىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئادەملەرنى، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەربتە ئويلاپ چىقىلغان ئويۇن ئىدى. ئەگەر غەربلىكلەر ھەقىقەتتە، غەرەزسىز رەۋىشتە شەرق شېئىرىيىتى بىلەن تونۇشماقچى بولسا، نىمە ئۇچۇن فىردەۋسىي، فەرىدىددىن ئەتتار، ھافىز شەرازىي ۋە باشقا شەرق-فارس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ نەمايەندىلىرىنىڭ ئىجادىگە قىزىقمايدىلەر؟ ئەينەن، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلەرنى تېپىپ، ئۆمەر ھەييامدەك مۆتەۋەر ئىنسانغا نىسبەت بېرىب، سۆڭرە ئۇنى تەشۋىقات قىلىدىلەر؟.
ئۆمەر ھەييام ئۇلارغا نىمە ئۇچۇن كىرەك بولۇپ قالدى؟
مەلۇمكى، غەربلىك شەرقشۇناسلار ئىسلامغا زەربە بېرىش ئۇچۇن ھەر بىر قولاي پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدىلەر. ئۇلار ئۆمەر ھەييامدەك ئېنىق پەنلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى، ئۆزى مۇسۇلمان سانالسا ھەم، ئىسلامغا، ئۇنىڭ ئەقىدەلىرىگە قارشى چىققان، دېيىش ئۇچۇن شۇنداق قىلغانلەر. ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش قارىغۇلارچە ئىتىقاد قىلمىغىنى ئۇچۇن، ئىلىم ساھىبى بولغىنىدىن شۇنداق قىلغان، دەپ كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلەر، ھەمدە ئىسلامغا ئىلىمسىز، ساۋاتسىز كىشىلەرلا ئىشىنىدۇ، دىگەن پىكىرنى شۇ يول بىلەن ئالغا سۈرۈشكەن. شۇنىڭ ئۇچۇن ھەم ھەييامنى ئۇلۇغ ئالىم دېيىشكەنۇ، ئىلمىي ئەسەرلىرىنى چاپ ئەتمەستىن، ئۇنىڭغا يالغاندىن نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلارنى بولسا راۋاجلاندۇرغانلەر، ھەتتا بىلىم يۇرتلىرىدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشكەن. بۇ ھەم ئىسلامغا قارشى كۆرەشنىڭ ئەڭ مەككارانە ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. «غەربلىكلەر مەزكۇر رۇبائىيلارنى قەيەردىن ئېلىشتى؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئەللامە تەرازىي كۆپلەپ مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئەۋۋەلا، رۇبائىيلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى ئون بىر دىگەندىن تارتىپ، تا بىر مىڭ ئىككى يۈز ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، دىگەن سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ دەلىل كەلتۈرىدۇ.
سۆڭرە ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم نىيسەبۇرىيگە(نىشاپۇرىيگە) زامانداش ۋە ئۇ كىشىنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىقتىباسلار كەلتۈرۈپ، ئۆمەر ھەييام ئەسلىدە «ئۆمەر ھەيامىي» ئىكەنلىكى، «ھەييام» بولسا، ئەلائۇددىن ئەلى ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن ھەلاف ئەل-خۇراسانىي ناملىق فارس شائىرىنىڭ لەقەبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. خۇددى شۇ جايدا ئالماشتۇرۇش بولغان بولسا كىرەك، دەيدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىدە باتىنىيلەرگە قارشى قاتتىق كۆرەش ئېلىب بارغان ھۆكۈمدار نىزامۇل مۇلكنىڭ يېقىن دوستى ئىدى. ئۇشبۇ ئىتىباردىن باتىنىيلەر ئۇندىن ئۆچ ئېلىش مەقسەدىدە تۈرلۈك رۇبائىيلەرنى يېزىب، ئۆمەر نىيسەبۇرىيگە نىسبەت بەرگەن بولۇشلىرى ھەم مۇمكىن، دەيدۇ.
بۇ پىكىرنىڭ دەلىلى سىۈپىتىدە، رۇبائىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوليازمىسىنى نەشر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرى تەن ئېلىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋاپاتىدىن سوڭ ئۇچ يۈز ئەللىك يىل كېيىن يېزىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
دىمەك، غەربلىك شەرقشۇناسلار، سىياسەتنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى سۈپىتىدە مەدەنىي مۇستەملىكە بابىدا، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلارنى ئېلىپ، ئۆمەر ھەييامغا نىسبەت بېرىب كىشىلەرنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، فىسقۇ-فەساتقا باشلاشقا ئۇرۇنغانلەر. ھازىرقى كۇندە برىتانىيە كۇتۇبخانىسى مۇزىيىدا جەرەلد تەرجىمەسىنىڭ 153 خىل چاپ ئېتىلگەن نۇسخىلىرىنىڭ قويۇلغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرىنىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېزىپ چىقىشى ئاشۇ دەۋردىكى جامائەتچىلىك پىكرى، ئالىم ۋە شائىرلار، تارىخچىلار، شەرقشۇناسلار، شۇنداقلا، مەدەنىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كاتتا ئىنقىلاب ئىدى.
مۇئەللىفنىڭ ئوغۇللىرىدىن دوكتور ئەبدۇللاھ مۇبەششىر تەرازىينىڭ ئېيتىشلىرىچە، ئاتىسى بۇ كىتابنى يېزىشتىن ئالدىن قاھىرەدىكى ئىلمىي ئەنجۇمەنلەردىن بىرىدە خۇددى شۇ مەۋزۇدا مەرۇزە قىلغان. ئۇ كىشى گەپلىرىنى تۇگەتگەندە، ھەممە جىم تۇرىۋەرگەن. چۈنكى، مەرۇزەچىنى قوللايلى دىسە، ئۇ ھازىرغىچە بولغان گەپلەرگە پۇتۇنلەي قارشى گەپلەرنى ئېيتتى. تەنقىد قىلايلى دىسە، ھۇججەتلىرى شۇنچىلىك كۇچلۈككى، ئۇنىڭغا قارشى ئېغىز ئېچىپ بولمايتى. پەقەت باشقا يەردە قىلىنغان ئىككىنچى مەرۇزەدىن كېيىنلا، ئەللامە تەرازىينى قوللاشقا باشلىغان ۋە ئۇ كىشىدىن بۇ بارەدە كىتاب يېزىشنى ئىلتىماس قىلىشقان.
ئەللامە تەرازىي كىتابىنىڭ نەشر ئېتىلىشى ئىسلام ئالەمى مەدەنىي ھاياتىدا كاتتا ۋەقەگە ئايلاندى. كۆپچىلىك ئۇ كىشىنى قوللاپ كىتابلەر، ماقالىلەر يازدى. ئىرانلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى ئالىم ئەلى دەشتىي، ئۇستاز سەئىد ئەل-ئەمۇدىي، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي، ئۇستاز ئەبدۇللەتىف ئەل-جەۋھەرىي ۋە باشقىلار شۇلار جۇملىسىدىندۇر.
بەزى ئالىملەر ئەللامە تەرازىينىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېڭى ئەسىردىكى ئىسلامىي ئويغىنىشقا سەۋەب بولغان ئوتتۇز كىتابنىڭ بىرى، دەب ھىسابلايدۇ.
ئىلمىي تەجرىبەلەر ھەم ئەللامە تەرازىينى قوللاب چىقتى. قاھىرەدە چىقىدىغان «ئەل-ئەھرام» روزنامەسى ئۆزىنىڭ 1978-يىلى 6-دىكابىر سانىدا: «لوندوندىكى ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى قوليازمىسى ساختا ئىكەن» دىگەن خەۋەرنى باستى. خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ: «ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر لوندوندىكى كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى› دېيىلگەن قوليازمىلار ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قوليازمىلەر 1200-يىلى يېزىلغان، دەب ئىلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بىرى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساس بولغان ئىدى. ئەمدى بولسا، پەقەت يۈز يىل ئەۋۋەل يېزىلغانلىقى مەلۇم بولدى. كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنى بۇ قوليازمىلارنى ئۇلارنى ئىراندىن تاپقان مەرھۇم ئۇستاز ئارتۇر ئەربارتىستىن سېتىۋالغان ئىدى».
ئىھتىمال، ئۇشبۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ھەم ئەللامە تەرازىينىڭ كىتابى سەۋەب بولغاندۇر. شۇ جايدا «ھەر بىر نەرسىدە ئېنىقلىق بولۇشىنى دەۋا قىلىدىغان غەربلىكلەر، ئۇشبۇ رۇبائىياتنى نەشر قىلىپ، شاۋ-شۇۋ كۆتىرىشتىن ئالدىن تەكشۈرۈشسە بولماسمىدى؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولار. ياق. ئۇلار ئېنىقلىقنىڭ پەقەت ئۆز پايدىلىرىغا بولۇشىنى خالايدۇ.
جۇكاۋسكىي باشلىق رۇس شەرقشۇناسلىرى، كېيىنرەك سوۋېت شەرقشۇناسلىرى، شائىرلىرى ھەم ئۇشبۇ يالغانغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىلىرىنى قوشقانلەر. لېكىن يالغان پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئادەتلىرىچە، ئۇنى ئىتىراپ ئەتكەنلىرى، خەلققە ھەقىقەتنى يەتكەزگەنلىرى يوق. شۇنىڭدەك، تۇركىستاندا، خۇسۇسەن، ئۆزبەكىستاندا ھەم قايتا-قايتا، رەڭلىك بىزەكلەر بىلەن چاپ ئېتىلگەن، قوشاق قىلىب كۈيلەنگەن بۇ يالغان رۇبائىيلار ئۇچۇن خەلقتىن ئۆزرە سوراش، ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ۋاقتى كەلمىدىمىكىن؟
ئىلىم ئامانەت نەرسە، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماسلىق زۆرۇر

باھا سۆز

saipidineli  ئەجرىڭىزگە رەخمەت.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار مۇ قۇرۇقلىقى دىگەن كىتاب لازىم بوپ قالغان  13899268499  ئېلكىتابى بولسىمۇ سېتىۋالاي

باھا سۆز

yigasri  ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز 2478090@qq.com  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
sewriyar  ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىز ئادرىسىنى يوللاپ قويۇڭ .  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
sewriyar  مەن بىكالىق ئەۋەتىپ بېرەي .  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇر قىلىپ تىلپۇن نۇمۇرڭىزنى ئەۋەتىپ قويسىڭىز

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghure@outlook.comرەھمەت

0

تېما

1

دوست

6777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراuyghurey@outlook.comبۇ    ئۇستىدىكى خاتا بوپ قاپتۇ

1

تېما

0

دوست

1124

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7955
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى ھەقىقەتەن جانلىق يىزىلغان رۇبائىلەردۇر بىراق بۇ رۇبائىلاردا ئىنىقلا دىنغا ئىشەنمەسلىك ئاستىرىتتىن ئىپادىلەنگەن .

باھا سۆز

hasanow  مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان. بىراق كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز. ئۇمۇ مۇسۇلمان.  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

0

تېما

3

دوست

4284

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1194
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-16 12:29 , Processed in 0.059675 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش