- تىزىملاتقان
- 2011-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1670
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
  4.86%
|
توۋا .... بەك قىززىق، مەن تۈنۆگۈندىن باشلاپ ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلار كىتابىنى كۆرىۋاتاتتىم، بەك ئۇدۇل كېپ قالدى. مەنمۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەي:
ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ قاراتمىلىقى كۆپ يۆنىلىشلىككە ئىگە، ئۇ كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. گەرچە ئۇ ھاراق توغۇرلۇق كۆپ يازغان بىلەن، ئۆمرىدە بىرەر تامچە ھاراقنى ئېغىزىغا ئېپ باققان ئەمەس. بۇ ئىرانلىق پەيلاسوپ ئەينى دەۋىردىكى ئىسلام مۇھىتىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھايات لېنىيىسىنى ئىسلامى تەپەككۈر بىلەن مۇنداق يازىدۇ:
بىر كېلەر ۋە كېتەر بۇ ئەجەپ دۇنيا،
يوق ئاڭا ئىپتىدا ياكى ئىنتىھا...
كەلدۇق بىز قەيەردىن، نەگە كېتىمىز؟
بۇ ھەقتە كىم بەردى قېنى جىڭ باھا!
دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ «ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن، ئاخىرى بارىدىغان جايىمىز يەنىلا شۇدۇر» دىگەن ئەقىدىگە كىنايە ئارقىلىق يېتەكلەپ بارىدۇ.
يەنە بىر رۇبائىسىدا (ئالدىرىغاندا كىتاپتىن تاپالمايلا قالدىمغۇ ئۇنى) يېزىلغان ئۇسلۇبىدىن مەلۇمكى. «جام»، «قەدەھ» دېگىنى ئىنساننىڭ تېنىگە، «مەي» ، «شاراپ » بولسا ئەقىلگە ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، مىسرالاردىكى يۇشۇرۇنغان مەزمۇنلارغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئۇ يەنە كۆپلىگەن نەرسىلەرگە سىموۋۇل قىلىنىدۇ. دىمەك ئۇنىڭ رۇبائىيلېرىنىڭ ئۇدۇل مەنىسىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھاراققا قاراپلا ئۇنى مەيخۇمار ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ يۈزەكى، ساددا كۆز قاراشتۇر.
مۈمكىن بولسا باشقا يولداشلارمۇ ئوقۇپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. |
|