- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1162
- نادىر
- 0
- يازما
- 83
ئۆسۈش
  51.71%
|
< كاپالەت پۇلى > دىگەن جۇملىنڭ ئوزىدىنلا بۇنىڭ مەنىسىنى ھارقانداق ئادەم چۇشىنىۋالالايدۇ، بۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئوموملىشپ بولغان ئۇقۇم. بەك ئەپسۇس بۇ ئۇقۇمنى كەنت كادىرلىرى ھازىرغا قەدەر چۇشەنمىدى ياكى چۇشەنگىسى يوق. بۇ پۇل ئەسلى كومۇنۇستىك پارتىيە رەھبەرلىگىدىكى ھوكۇمىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ روھى بولۇپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىغى ئېغىر، ئەمگەك كۇچىدىن قالغان، قارىغۇچىسى يوق، مېيىپ ، ئاجىز، قارا قوساق مۇناپىق چىرىندىخور كەنت كادىرلىرى سەۋەبىدىن بىچچارە ھالغا چۇشۇپقالغان، تۇرمۇشى ئاساسى كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلارغا ، جان بېقىش ئىمكانىيتى يوقلارغا بېرىلدىغان پۇل ئىدى . لىكىن ھازىر قارايدىغان بولساق ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ، ھوكۇمەتنىڭ فورمۇلاسىدىن خېلى يىراق .ئانداقتا كەنت كادىرلىرنىڭ فورمىىلاسى قانداق؟ 1- ئالدى بىلەن كەنت كادىرلىرنىڭ جەمەتى بۇلۇش كېرەك، ئۇلار مەيلى باي مەيلى نامرات بولسۇن شەرتسىز ئالىدۇ، 2- ئەل- ئاغىنە يېقىنلىرى ئالىدۇ ، 3-كەنت كادىرلىرىغا كىم خوشامات قىلسا ،يېرىنى تېرىشىپ بەرسە، ئورمانلىرىغا قارىسا ، خوتۇنلىرى ئويىگە بېرىپ تامىغىنى ئەتسە ، كىرىنى يۇسا، نېنىنى ياقسا شۇ ئالىدۇ . بۇ نىمە دىگەن نومۇسسىزلىق؟ بۇلارنى تەربىلەيدىغان نۇمۇسسىزلىق كۇرس بارمۇ قانداق؟ جەنۇپتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا ئاساسەن ئوخشاش دىيەرلىك، كەنت كادىرلىرنىڭ فورمۇلاسىغا چۇشمىگەن ھەرقانداق كىشى بوۋاي ، موماي، مېيىپ، نامرات بۇلۇشىدىن قەتتى نەزەر كاپالەت پۇلى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئالغان تەغدىردىمۇ ئۇلارغا ھوكۇمەت بەرگەن ئۇن، ماي، گۇرچ،قاتارلىقلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئالالمايدۇ . ماددى بۇيۇملار كادىرلارنىڭ شەخسى مۇلكى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . ھىچ ئەقلىم يەتمەيدۇ، ھوكۇمۇتىمىز دېھقانلارنىڭ شۇنچە كوپ قىيىنچىلىغىنى بىلىپ شۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى چىقاردى ، نۇرغۇن مەبلەخ چىقىرىپ يولىدىيۇ لىكىن شۇ پۇللارنىڭ كىمنىڭ چونتىگگە چۇشۇپ كىتىپ بارىدۇ ، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قانداق دىگگەندەك نازارەتچىلىك تۇزۇمىدە يۇچۇقلار كوپمۇ قانداق؟ مۇناپىق، چىرىندى كەنت كادىرلىرى قاچانغىچە دېھقانلارنىڭ قېنىنى شورا؟ ھەرقېتىملىق ۋەكىللەر يىغىندا ۋەكىللەر ئاغزى - ئغزىغا ، ھاياجان بىلەن شاللىرىنى چاچىرتىپ دېھقانلار ئۇچۇن مۇلازىمات قىلىمىز دىيشىدۇيۇ توۋەنگە چۇشۇپلا ئاتام ئېيتقان بايقى، لىكىن بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىننىڭ ئىلگىركى يىغىنلارغا قارىغاندا پەرىقلىق تەرپىنى ھىس قىلدىم . بىرقەدەر ئەمىليەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن، شۇڭا بۇ رەزىل چىرىندىخورلارنىڭ تاناۋىنى تارتىدىغان ۋاخ كەلدى دەپ قارايمەن ھەم يۇقۇرى دەرجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىشىغا ،نازارەتچىلىك تۇزۇمىنى كۇچەيتىشىگە چۇڭقۇر ئىشىنىمەن . (مەنبە خام ماتىريال باي ناھىيە قىزىل يېزا) |
|