- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3599
- نادىر
- 0
- يازما
- 223
ئۆسۈش
  53.3%
|
مەن تونۇيدىغان تۇرسۇنكام ئىسىملىك 65 ياشلاردىكى بىر دىھقان ئاكىمىز بدر ئىدى . ئۇ كىشى بىر كۈنى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى .
بىر كۈنى بۇ كىشىگە سۇ تۇتۇش نۆۋىتى كىلىپ ( كەچ چۈشەي دىگەندە ) تازا ئالدىراش سۇ تۇتىۋاتقاندا كەنت ئىشخانىسىدىن ئادەم كىلىپ دەرھال كەنت ھويلىسىغا دۈجۈرنىلىك ( ئامانلىق قوغداش ) قىلىشقا بېرىشقا چاقىرىپتۇ . نىمىلا دىسە ھېلىقى ئادەم ئۇنىماي « سېكىرتار » نىڭ ئۆزىگە ئېيتىشنى دەپتۇ . ئۇ كىشى ئامالسىز سۇنى باشلاپ قويۇپ سېكىرررتارنى ئىزدەپ بېرىپ : جېنىم ئۇكام ، ماڭا بى سۇ تۇتۇش نۆۋىتى كەپتىكەن ، ئۆيدە خوتۇننىڭ مىجەزى يوق ياتىدۇ ، باللىرىم تېخى كىچىك ،( بۇ ئادەمنىڭ خوتۇنى تۇغماي كىيىن پەرزەنتلىك بولغان ) شۇڭا بى رۇخسەت قىيسلىرى سۇنى تۇتىۋىلىپلا كەلسەم بوپتىكەن . ھىلى تېشىپ كەتسە پاكەن تۆلەپ قالىمەن ...
___ نىمە ماڭا بۇندا دەپ بېرىسە ئاكا !! ما بى مىنىڭ ئىشىمما ! غاچ كەسەڭ كەل ، بوممىسا كاپالەت پۇلۇڭنى ئالىمەن دەپ ئويلىما !! گەپ شۇ !! ( ئىشىكنى يۈزىگە يېپىپ ئىشخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ ) بىچارە بوۋاي ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىپتۇ . چۈنكى ئۇ سولتەك سېكىرتار 25 ياشلاردىكى نىمىمىش . ئامال يوق قايتا كەينىدىن كىرىپتۇ . مىڭ يالۋۇرۇپ ئاران ئىككى سائەتلىك سوراپ سۈيىنى تۇتىۋاپتۇ .
كىيىن ماڭا دەپ بېرىشىچە __ : شۇ چاغدا شۇ نائەھلىنىڭ كەينىدىن چىرىپ ئاشۇ ، مىڭىسىگە پىچاقنى تىقىپ قوچىۋەتكىم كەپ كەتتى !__ دىدى .
مانا مۇشۇنىڭدەك پارتىيىنىڭ مۇئاشىنى ھارام ئېلىپ خەلقنى قاقشىتىدىغان ئىبلىسلارنىڭ تاناۋىنى راسا تارتىپ ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تازا بىر ئۆگىتىپ قويسا ، ئۇنىڭ ھېلىقى چوڭچىلىق كېسىلى ساقايغان بولاتتى .
ئۇ بوۋاينىڭ دىيىشىچە تېخى ،ئەگەر كىم ئۇنىڭ چىشىغا تەگسە ئۇنى بىر ئامال قىلىپ « باپلارمىش » .
شۇڭا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قەرەللىك قەرەلسىز ھالدا بۇنداق پارازىت مۇناپىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ، خەلققە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەقىقىي كادىرلاردىن قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ..
|
|