قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5803|ئىنكاس: 36

تىرويا ياغاچ ئېتى ۋىروسى ۋە پاسىق مىللەتداشلىرىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 12:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرويا ياغاچ ئېتى ۋىروسى ۋە پاسىق مىللەتداشلىرىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ترويا ياغاچ ئېتى ۋەقەسىنى ئىلگىرى تارىخ دەرسلىرىدە غىل پال كۆرگەن بولساممۇ ،ھەقىقى بىلگەن ۋاقىت
يەنىلا كومپيوتورۇم تۈنجى نۆۋەت ياغاچ ئات ۋىروسىغا ئۇچىرىغان ۋاقتىم بولدى .باشقىلار بۇنى مۇما مۇما
دەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن مۇما دىگەن نىمە دەپ سورىسام ،ماڭا تورويا ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردى .
دىمەك مۇما يەنى ياغاچ ئات ۋىروسى دىگەن قارا مېھمانلار كۆزلىرىمىزنى غەلەت قىلىپ ئۇستۇلۇق بىلەن
كومپىيوتۇرۇمىزغا كىرگەزگەن ۋىروسكەن ئەمەسمۇ .بۇ ۋىروسلار كومپيوتورۇڭىزغا كىرگەندىن كېيىن سىزگە
تۇيغازماي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .كومپيوتورۇڭىزنى بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر دوۋە تۆمۈر تەسەككە ئايلاندۇرۇپ
قويىدۇ .
مۇشۇ زىناخورلار ،ھاراق ئىچىۋاتقانلار ۋە باشقا ئەشەددىي گۇناھ ئۈستىدىكىلەرنى تىرويا ياغاچ ئېتىغا
ئوخشاتقۇم كېلىدۇ .نىمىشقا دىسىڭىز .بۇ گۇناھلار شەيتاننىڭ مەھسولاتلىرىدور .لېكىن مۇشۇ گۇناھلارنى
قىلىۋاتقانلار بىزنىڭ ئۇيغۇرداشلىرىمىز ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلىۋاتقانلاردور .
شەيتان بۇ گۇناھلارنى ئۇيغۇرداشلىرىمىزغا چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا ھارام ئىشلارنى قىلغۇزىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئاشۇلارنىڭ ئېچىتىشى بىلەن ئىچىدىن سېسىپ ماڭىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاستا
ئاستا كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ .
مەن زىناخورلار ،قىمارۋاز،ھاراقكەشلەرنى مىسالغا ئېلىب باقاي ..
زىناخورلار توغرىسىدا ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمگە قارىساق :

5. سۈرە بەنى ئىسرائىل، 32 ـ ئايەت

زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.


7. سۈرە نۇر، 2 ـ ئايەت
 
زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن.
 
8. سۈرە نۇر، 3 ـ ئايەت
 
[align=justify]زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
 
 
 ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئانى كەرىمدىكى بۇ مەزمونلاردىن  ئەقلى ھوشى جاھىدا ئادەم بولسىلا
زىنانىڭ مۇشرىك يەنى دىنسىزلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .
سۈرە نۇر 3-ئايەتتىكى
[align=justify]زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.  دىگەن سۆزلەرنى ياخشى تەھلىل قىلىپ باقايلى .شۇنى بايقايمىزكى زىناخورغا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئىچىدىكى
پاك كىشىلىرىمىز ھەرگىز ھالال سانالمايدۇ .ئەگەر ئەر زىناخور پاك ئاياللىرىمىزنى ئالسا ياكى ئايال زىناخور
پاك يىگىتلىرىمىزگە تەگسە ئېنىقكى ئېغىر بۇزغۇنچى بولىدۇ .مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزۇدۇ .بىلىپ تۇرۇپ مىللەتكە
زىيان سالىدۇ .زىناخورلار ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىدور .ئۇلار شەيتاننىڭ مىللىتىمىزگە كىرگەزگەن
ياغاچ ئاتلىرىدور .مەيلى ئىسلام دۇنياسىنى ياكى دەھرى دۇنيانى كۈزەتسىڭىز زىنا زالالەت قاپلىغان ئەلدە
شەيتان شۇنچىك قۇترىغىنىنى ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ شۇنچىلىك ئاجىزلىقىنى
بىلەلەيسىز .ئۇيغۇر مىللتىمىز مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ ياشىغىلى 1000 يىلدىن ئاشتى .ئىسلام ئەھكاملىرى
ئاللىقاچان روھىتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈپ بولدى .دىمەك شەيتان يولىغا ماڭمايدىغان ،ھارامدىن
ئۆزىنى ساقلاشقا تىرىشقان  ئۇيغۇر ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر سانىلىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا ئازغۇنلۇق ھەتتا مىللى مۇناپىقلىق يولىغا ماڭغان بولىدۇ  .خۇددى ياغاچ ئات ۋىروسىغا ئوخشاش ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى چىرىتىدۇ .ئۇيغۇر ئەۋلادىنى پاسىقلاشتۇرۇدۇ .زىناخورلارمۇ دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن .زىناخور كىشىلەردىن
تېخىمۇ زىناخور ئەۋلادلار مەيدانغا كېلىدۇ .ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى زىنانىڭ كۆپىيىشى ھەتتا قول تېلىفۇنلار
ئارقىلىق ئاشكارە بولىشىدا ئاشۇ ئىلگىرىكى زىناخور ئۇيغۇرلارنىڭ زور <تۆھپىسى> بار دىسەك ئارتۇق بولماس .
شۇنى ئويلاپ بېقىڭكى ئۇيغۇردىكى نامازكورلۇق ۋە ھارامخورلۇقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ زىناخورلۇقمۇ
كۆپىيىۋاتىدۇ .بۇ كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ .ئەگەر بىرەر قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللانمىساق زىنا دىگەن بۇ مەرەز
مىللىتىمىزىنى ۋەيران قىلىدۇ .ئىچىدىن سېسىتىپ تۈگىتىدۇ. ئىسلامغا دەئۋەت قىلىش دەل بۇ كىسەلنىڭ
داۋاسىدور .
 
شەيتاننىڭ ئەڭ ئەشەددىي ياغاچ ئاتلىرىنىڭ بىرسى قىمار ۋە ھاراقتور .
ئالدى بىلەن قۇرئانغا قاراب قايايلى :
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىش شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار (91) . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن، ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟(92). (سۈرە مائىدە).  
ئەنە قارىڭىزلار قېرىنداشلار شەيتاننىڭ بۇ ياغاچ ئات ۋىروسى نىمىدىگەن يامان ؟ئۇ پاسكىنا قىلىقلار ئارىمىزغا
دۈشمەنلىك ئۇرۇقى تېرىيدىكەن ،يەنى بىر بىرىمىزگە ئۆچمەن قىلىدىكەن .ئىتىپاقلىقنى ،قېرىنداشلىقنى بۇزىدىكەن .
بىزنى ئاللاھنى ياد ئېيتىشتىن توسۇيدىكەن ،نامازلارنى ئۇنتۇرلدۇرىدىكەن ،يۈرەكلەرنى قارا قىلىپ ھارام
نەپسىگە ئالدىرايدىغان قىلىپ قويىدىكەن .قاراب بېقىڭ قىمارۋازدا قېنى ئۇيغۇرلۇق ؟قىمارۋاز ئۆزىنى ئۇيغۇر
دەپ ساناشقا نومۇس قىلسۇن .ئۇلاردا مۇناپىقلىق يەنى خائىنلىق خىسلىتىدىدىن باشقا خىسلەت يوقتور .
ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ئۇرغان زەھەرلىك تىغ دەل مۇشۇنداق مۇناپىقلاردىن كېلىدۇ .
يوقالسۇن قىمارۋازلار!!!!
 
مەشھۇر خۇيزۇ ئۆلىما خادېچىڭ «ئىسلام دىنى قىمار توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە « قىمارنىڭ ئون چوڭ جىنايىتى» نى كۆرسەتكەن
   1)ئاللاھنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. قىمارۋازنىڭ ئۆيىدىن بالا – قازا نېرى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ قان – تەرىنى سۈمۈرگەن ئادەم قانداقمۇ ئاراملىقتا ياشىيالىسۇن. يامانلىقنىڭ جاۋابى ھامان يامانلىق بولىدۇ.
     2)ئەخلاقنى بۇزىدۇ. قىمار ئوينىغاندا بىراۋلارنىڭ بايلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، لۈكچەك بىلەنمۇ دوست بولىۋېرىدۇ، قىمار بىلەن پاھىشىنىڭ پەرقى بولمايدۇ، كىشىلىك پەزىلەتتە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.
      3) جانغا زامىن بولىدۇ. ئۇتۇۋالسا كېچە – كۈندۈز دېمەي ئوينايدۇ، ئۇتتۇرىۋەتسە قەرز ئېلىپ ئوينايدۇ. ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمايدۇ. قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ، ئاخىرى جېنىنى تىكىشكە رازى بولىدۇ.
      4) جەمەتىنىڭ نامىنى بولغايدۇ. قىمار ئويناپ ۋەيران بولغاندا، كىشىلەر:« بۇنى خۇدا ئۇرۇپتۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ روھى قورۇنۇپتۇ» دەيدۇ.
       5) ئائىلە تەربىيىسىنى يوقىتىدۇ. قىمار ـــ ئىپپەت نومۇسىنى بولغايدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالىدۇ، ئاتا – بالا، ئاكا – ئۇكىلار پۇل تالىشىپ ئازارلىشىدۇ، كېچىچە داۋاملاشقان قىماردا ئۆيىدىكى خوتۇن كىشىلەردىمۇ كۈتمىگەن ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. قىمار بىلەن پاھىشە بىرلىشىپ كېتىدۇ.
        6) ئائىلە ۋەيران بولىدۇ. قىمارۋاز باشتا پۇلنى توپا سورىغاندەك بۇزۇپ چاچىدۇ. ئاخىرى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۆي ــ مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ ، قەرزگە بوغۇلىدۇ.
        7) جىنايى ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ. قىمارۋازلار كېچىچە قىمار ئوينىسا، ئوغرىلار ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق قىلىدۇ.
         8) ئۇرۇق – تۇغقانلار بىر – بىرىدىن جۇدا بولىدۇ. قىمارۋازنىڭ ئۆيىدە  ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل قۇرۇمايدۇ. بەزىلىرى ئۆي – بېساتلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئاتا – ئانا بولغۇچى دەردكە توشىدۇ. بۇلاردىن ئادەمنىڭ كۆڭلى قانداق ئارام تاپسۇن؟
        9) دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدۇ. قىمار ئويناش دۆلەتنىڭ قانۇنىدا چەكلىنىدۇ. بەزىلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بەزىلىرى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. كېيىن پۇشايمان يېگەندىن كۆرە، باشتا ئۇنىڭدىن يانغان ياخشى ئەمەسمۇ؟
        10)   ۋىجداننى ۋەيران قىلىدۇ. قىمار ئوينىغانلىكى ئادەم ھەرقاچان ئۆز غېمىدە يۈرۈيدۇ، باشقىلارنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى بولمايدۇ.

 
ھاراق توغرىسىدا تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەسىت قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھاراق ھىسابلىنىدۇ، مەسىت قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر دېگەن.( بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ئۈزىنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : زىنا قىلغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا زىنا قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكۈچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ھاراق ئىچمەيدۇ، ئوغرىلىق قىلغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ئوغرىلىق قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى بولىغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ماللىرىنى بولىمايدۇ دېگەن. ( بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان).   

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ياساشقا بۇيرۇغۇچى ۋە بۇيرۇلغۇچىغا، يۆتكەپ ئەكىلىشكە بۇيرۇغۇچى ۋە ئەكىلىپ بەرگۈچىگە، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا ۋە پۇلىنى ئىشلەتكۈچى قاتارلىقلارغا لەنەت ئېيتقان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچىپ مەستلىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى دوزاخ ئەھلىدىن ئاققان تەر ۋە سېسىق سۇ بىلەن سۇغۇرۇشنى ۋەدە قىلدى».

 
يوقىرقى ھاراق ئىچىۋاتقانغا ۋە ھاراقنى ئىچىپ تۆۋۋە قىلمىغانلارغا بىرىلگەن سۈپەتلەردىن
بىز بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى خارابلىققا باشلايدىغان ئاۋانگارتلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .
ئۇلار ئۇيغۇرنى ئىچىدىن سېسىتىدىغان يەنە بىر ئەشەددىي ۋىروسلاردور .
مەن ئىلگىرى توردا نۇر دەپ بىر قېىندىشىمىزنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقاننىڭ ھەممىسى مۇناپىق دەپ بىر يازمسىنى  كۆرگەن سىزمۇ كۆرۈب بېقىڭ .
 
ھاراق ئىچىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مۇناپىقلار يەنى ئۇيغۇردىن چىققان مىللى مۇناپىق
بۇنداق دىسەم ھاراق ئىچىۋاتقانلار غۇرورىڭىزغا تىگىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ .لېكىن ھەق ئالدىدا سىزنىڭ ئامالىڭىز يوق .سىزدە نىمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ گەپلىرمگە قارشى تۇرۇش ۋە ياكى خۇش ياقماسلىق كەيپىياتى پەيدا بولۇپ قالغانلىغىنى بىلەمسىز ؟چۇنكى سىز ئاللىغاچان ھاراق تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ بولدىڭىز ئوچىغىنى ئېيتقاندا شەيتاننىڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولۇپ قالدىڭىز .
شۇڭا سىزدە بۇنداق پىكىرلەرگە قارشىلىق ئىدىيىسى پەيدا بولىشى تۇرغانلا گەپ .سىزدە ئاللىقاچان ئاللاھنىڭ مۇبارەك نۇرى يوقالدى .لېكىن سىىز بۇنىڭغا قايىل ئەمەس شۇنداقمۇ؟سىز دەيسىز مەن ئاللاھنى ئىتىراپ قىلىمەن .ئىسلام مېنىڭ دىنىم .دەيسىز لېكىن نىمە ئۈچۈن يەنە ساتقىنلارچە ،ئاللاھ چەكلىگەن لېكىن شەيتان ئەسلى پاك ئىنساننى ئامال قىلىپ جەننەتتىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسەتتە ئىچكۈزدىغان ھارقنى ئىچىسىز؟سىزنىڭ روھىتىڭىزنىڭ ياخشىلىققا ئەمەس رەزىللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىغنىن ئىتىراپ قىلمايۋاتىسىز ھە ؟؟؟؟ھاراق ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئاستا ئاستا بىرلىشىپ ئىسلامغا قارشى ئىتىپاق تۈزىۋاتقانلىغىنى ئىتراپ قىلمايۋاتىسىز ھە؟سىزنىڭ دەستىڭىزدىن مىللىتىڭىز خاراپلىشىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ئىتىراپ قىلمايسىز ھەقاچان ؟؟نىمە ئۈچۈن؟چۇنكى شەيتان سىزنىڭ روھىتىڭىزنى ئەسىرگە ئېلىپ بولدى .بۇ خىل روھى ھالەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئاللىقاچان مىللى خاراپلىقنىڭ سادىق ئاۋانگارتلىرى بولۇپ قالغانلىغىڭىزنى ھەرگىز ئىتراپ قىلمايسىز.شۇڭا بارلىق ئازاپ ئىچىدە ،نومۇس ئىچىدە ،يوقۇتۇش ئىچىدە ،نالە ئىچىدە ،قىرغىنچىلىق ئىچىدە ،چۈشكۈنلۇك ئىچىدە ....ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىڭىز سىزگە غەزەپ بىلەن ۋاقىرايدۇكى :ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ خائىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!نەپسىڭنىڭ تارت!!!!!ئىتقاتىڭنى تاپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

 
مەن ھاراقنى تەپ تاتماي ئىچىۋاتقانلارغا نىسبەتەن يوقارقى يازمىدىن باشقا سۆز
تاپالمىدىم .بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئازابلىق نالىسى .
شەيتاننىڭ يەنە بىر ئەشەددىي ياغاچ ئات ۋىروسى بولغان ھاراق ئىچىۋاتقانلار
ئۇيغۇرنى مانا مۇشۇنداق ئازابلىق قان ياشقا قويىۋاتىدۇ .
ئەي شەيتاننىڭ قول چومىقىغا ئايلىنىۋاتقان مۇناپىق سۈپەت قېرىنداشلىرىمىز !
ئەگەر سىز ھەقىقى ئۇيغۇرلىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىسڭىز ھازىردىن باشلاپ
تۆۋۋە قىلىڭ !!!روھىيىتىڭىزدىكى ۋىروسنى ئەڭ ئاسان ئۆلتەگۈچى چىن نىيەتتىن قىلىنغان
تەۋبىدور .ناماز ۋە ياخشى ئەمەللەر سىزنى ھەقىقى مىللەتكە پايدىلىق ئۇيغۇر قىلىپ
چىقىپ سىزنى ئىككى دۇنيا سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ .ئاللاھ شېرىك گۇناھ ۋە كىشىنىڭ
ھەققىنى يەۋالغان گۇناھدىن باشقا گۇناھلارنى چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلسا ۋە ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىسە خالىسا كەچۈردۇ .سىز كۈچۈرۈلگەن ئىنسان بولۇشقا ھەركەت قىلمامسىز؟ 

 
 






 

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1366
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2011-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 12:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق ئىلىم ئەۋەتىپسىز  كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ ،ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋۋە قىلىشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن ئامىن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

0

دوست

3896

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1161
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 858
تۆھپە : 625
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 16:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە ئاللا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 627
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 20:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزغا تەشەككۇر!اللە ئۇشىبۇ يازمىڭىزنىڭ ساۋابىنى قوشلاپ بەرگەي!ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي!ئالدىمىزدا پۇلاتتەك پاكىتلەر تۇرسا ھەققە قايتىماي گۇمىراھلىقتا تۇرۇش كىشىنى تۇلىمۇ ئچىندۇردۇ،مىللىتىمىز دىكى يامراۋاتقان زەبۇنلۇقنىڭ مەنبىئى زادى نىمە؟ئىنىقكى ئۇ- ئىتقادىسىزلىقسىزنىڭ مىللەت ئچىدە ۋابادەك يامرىشى.بىزنى بۇ ھالدىن بىر نەچچە دوكتورلىرىمىز،مىللەتپەرۋەرلرىمىز  قۇتقۇزالمايدۇ،بىزنى قۇتقۇزدىغىنى يەنىلا ئىتقاد،ساغلام بولغان ئىمان!نىمىشقا بىزنىڭ دۇئالرىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟سەۋەبى ئاددى ،باشقا بىرەر مۇشكۇلات كەلسە،بىرەر ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا ياراتقۇچىنى ئەسلەيدىغان قەۋىمنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولسۇن؟! ھىچقانداق بىر جانلىققا بەرمەي،شۇنچە گۇزەل چىراي،ساغلام تەن،پاك نىممەتلەرنى،يەر يۇزىگە  خەلىپە بۇلۇشنى بەرگەن يارتقۇچى زاتقا،بارلىق دىنلاردىن ئۇستۇن بولغان ئىسلامغا قايتماي سىزنىڭ يەنە قانداق باھانىڭىز باردۇ؟

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1472
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2011-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان،ھەدىسلەر كىشىلەرنى ھىدايەت يولىغا باشلاپ،توغرا يول بىلەن مېڭىش،ناشايان ئىشلاردىن توسۇش.........بۇندىن باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردە باشقا دىنلاردىن ئۈستۇن تۇرىدۇ،ئۈستۈن تۇرۇشتىكى سەۋەبى پەقەت دىنى جەھەتتىلا چەكلىنىپ قالماي،يەنە ئىلمى بولغانلىقىدا.
    يۇقارقى باشقىلارنى كەيپ-ساپا،بۇزۇقچىلىقلاردىن توسۇش توغرىسىدىكى يازمىىڭىز ياخشى بوپتۇ.لېكىن قېرىندىشىم تۆۋەنچىلىك بىلەن سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي«مۇناپىق»بولۇپمۇ«مىللى موناپىق»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنەمسىز؟ياكى بىردەملىك قىززىق قانلىق بىلەن يېزىپ قويدىڭىزمۇ؟مۇنداق تېمىدىكى ئەسەرنى يازغان ئىكەنسىز،تارىخنىمۇ ئانچە-مۇنچە ۋاراقلاپ قويۇڭ.ئۇيغۇر تارىخىدا مۇناپىقلارنى،بولۇپمۇ مىللى مۇناپىقلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭچە ئاپاق خوجىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى بولمىسا كېرەك.、ئاپاق خوجا ئۈمرىدە ھاراق-شاراپ ئىچكەنمۇ بۇ موھىم ئەمەس،موھىمى ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان-ئەتكەنلېرى شۇنداقلا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرى. ئاپاق خوجىدەك مۇناپىقلار بۇدۇنيادا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن غورورى بار كىشىلەر تەرىپىدىن ئەيپلىنىدىغانلاردۇر.”ئۇ دۇنياغا بارغاندا قانداق كۈنلەرنى كۆرىدۇ،بۇنى بىر ئۇلۇغ ئاللادىن بىلەك ھىچكىم بىلمەيدۇ“مۇناپىق دىگەن سۆز ئەسلى مەنىسى مىللىتىگە،ۋەتىنىگە ئاسىلىق قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ،بۇنىڭ خەنزوچە تەرجىمىسى «卖国贼» بولىشى كېرەك. ئۆزىنى مۇسۇلمان بىلىپ يۈرگەن كىشى كەيپ-ساپا بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باشقىلارغا زىيىنى يەتمىگەن بولسا،ئۇ ئادەم ئىمانىدىن ئاجرايدۇ،ئۆلگەندە بولسا خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.ئازراق بىرنەرسە يېزىپ قويۇپلا،باشقىلارغا قالپاق كەيگۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ.

0

تېما

0

دوست

292

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 71
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 17:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي مۇناپىق ؟؟!!  ئىسلامدا پەقەت مۇسۇلمان ۋە كاپىر ئىككى تائىپە ئىنسانلار بار.
توغىرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 18:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توزغاق سۆزىڭىز ئورۇنلۇقكەن ..ماۋزۇنى يەڭگىللىك بىلەن يېزىپ قويۇپتىمەن .
ھاراقنى ھارام  دەپ لېكىن ئىچكەنلەر پاسىق مۇسۇلمانلار بولىدۇ .ئەگەر مۇسۇلمان
قەۋمىگە زىيان قىلمىسا ۋە دىندىن يۈز ئۆرمىسە دىنى مۇناپىق دىيىشكە بولمايدىكەن .
بۇنى ئىزدىنىش تورىدىكى 86قېرىندىشىم ماڭا پىكىر قىلدى .
ھازىر دىنى مۇناپىق بىلەن مىللى مۇناپىق چەمبەرچەس باغلىنىدۇ ئۇيغۇرغا نىسبەتەن
دىنى مۇناپىق ئېنىقكى مىللى مۇناپىق بولىدۇ .چۈنكى ئۇ بىر پۈرۈن ئىسلاملاشقان
ئۇيغۇر ئۇممىتىنى بىلىپ تۇرۇپ پارچىلاش قەستىدە بولىدۇ .مىللى مۇناپىق يەنە ئۆز
نۆۋىتىدە دىنى مۇناپىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ  مۇسۇلمان قەۋمىگە زۆرۆرىيەت يەتكۈزگەن
مۇناپىق دىنى مۇناپىق .
ئەمدى مەن بۇ ماقالامدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە بولسا شەيتان
بىر ئاللاھ يولىغا مېڭىشقا ئىنتەلگەن مۇسۇلمان قەۋمىنى پارچىلاش ئۈچۈن
پاسىق ئىنساننى شۇ قەۋىمگە كۈرگەزگەن ياغاچ ئاتقا ئوخشاتتىم .
چۈنكى ھاراقكەش مۇسۇلمانلار ئەخلاقسىز ۋە ئىتىپاقسىز ،ياكى ئەخلاقسىز ئىتىپاقسىز
بولمىسىمۇ لېكىن نامازدىن خالى ،ئاللاھنى تونۇمايدىغان چىقىش نىسبىتى
يوقىرى بولىدىكەن .قىمارۋازمۇ ھەم شۇنداق ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز
قەۋمىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قەستىدە بولىدۇ .
ئىككى زىناخوردىن پەيدا بولغان ئەۋلاتنىڭ ياخشى مۇسۇلمان
بولۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولىدىكەن .
دىمەك بۇ گۇناھكارلار گۇناھىنى داۋاملاشتۇرسا مىللەتكە ئاپەت بولىدۇ .بىز مۇسۇلمان مىللەت بولغاچقا مۇسۇلمان مىللەتكە
ئاپەت بولىدۇ .مۇسۇلمان مىللەتكە زىيىنى بار بۇ بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلىۋاتقان ئىنسانلارنى دەل شەيتاننىڭ
قەۋمىمىزگە ئەۋەتكەن تىرويا ۋىروسى دەپ ئوخشاتتىم .بۇ كىسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن چوقۇم
ناماز ئۆتىشى ۋە ئاللاھ يولىغا قايتىشى كىرەك .
قېرىنداشلىرىم ماقالامدىن قانداق خاتالىقلار بولسا يېزىڭلار .لېكىن زەھەردەك تىللارنى ئىشلەت
مەڭلار .ھەممىمىز ئىزدەنگۈچى ..تەپەككۈر قىلغۇچى بولايلى .ھەرگىز مات قىلغۇچى ،
ئۆز قېرىندىشىنى ئوسال قىلغۇچى بولمايلى .
ئەسكەرتىشىم :بولۇپمۇ دىنى تىمىلارغا ئاففاغ غوجىنى مىسال قىلمىساڭلار .دىنى ئىتىقاتى ئاجىز كىشىلەر خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن
ئاففاغ خوجانى مىسال قىلساق ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كىتىدۇ .پايدىسى يوق دە تەلاش پەيدا بولىدۇ .

توزغاقنىڭ بىر خاتلىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت .

2

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 19:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداش ئىلىم :
  سىزنىڭ نۇرغۇن يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ باقتىم ؛ تاللىغان تېمىڭىز ۋە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان مەقسەت مۇددىئارىڭىزنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ .
  لېكىن ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى ئەسلى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەي قاپسىز :
  نۇرغۇن ئوبزۇچىلار بولسۇن ياكى تور يازغۇچىلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ يېزىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ماڭا ئوخشاش ئاددى كىشىلەر ئويلاۋاتقان ئىشلار ، ئۇلار ئەدەبىياتچى بولغانلىقى سەۋەپلىك ئۆز قەلەم كۈچى ئارقىلىق نادىر بىر ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقتى ،ئۇلارنىڭ يازغىنى دەل بىز ئويلاۋاتقان .لېكىن تەپەككۈرىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەپلىك چوڭقۇرلاپ چۈشىنەلمەيۋاتقان .قەلەم كۈچىمزنىڭ ئاجىزلىقىدىن يازالمايۋاتقان نۇقتا بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرۇپ ئوقىدۇق.
  سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا كەلسەك ، سىز ھەقىقەتەن بىلىمگە ئىنتىلدىغان ،ھەم كىشىلەرگە ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشنى خالايدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىكەنسىز !
  لېكىن ئۇستا كۆرمىگەن بولغاچقا يازمىلىرىڭىزدە خاتالىقلار كۆپ .
   يازمىلىرىڭىزدا چوڭقۇر پەلسەپىۋىلىك سۆز ئىبارىلەر ئاددى كىشىلەرگە ناھايىتى پاساھەتلىك  بىلىنىپ كاتتا ئەسەردەك تۇيغۇ بەرگەن بولسا كەسپى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىگە ياماق بولمىغىدەك !
  سىزگە تەكلىپىم : كۆپرەك بىلىم ئېلىڭ ، كۆپ كىتاپ ئوقۇڭ .
   ئاندىن ھازىرغا كېلىپ نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز مىللەت توغرىسىدا ياكى زىيالىلار توغرىسىدا نۇرغۇن قامچىلاش خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەرنى تۈرلۈك ئەپكارلاردا ئېلان قىلغان ، لېكىن ئۇنداق ئالدىراپ مىللى مۇناپىق ، پاسىق مىللەتداشلار دىگەندەك سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىگەن .
    پاسىق ، مۇناپىق  دىگەن سۆزنىڭ لوغەت مەنىسىنى سىز چۈشىنەمسىز ؟
   سىز يۈزەكى چۈشىنىسىز ، ئالدىراپ بىر توپ كىشىلەرنى مۇناپىق ياكى پاسىق دىمەڭ  !
   ئاندىن باشقىلارنى تېمىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن تېملىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسىغا يوغان سەللە كەيگۈزۈشتىن ساقلىنىڭ :
   يەنە بىر يازغان يازمىڭىز ماۋزۇسنى < ئارىمىزدە مۇشۇنداق ياخشى مۇسۇلمانلارمۇ بار > دەپ قويۇپسىز !
  يازمىلىرىڭىزدىن كۆرۈشكى بولىدۇكى ،دېرىزىدىن تۇيۇقسىز كىرگەن ئىلھام بىلەن مۇبارەك قوللىرىڭىزنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن چۈشۈرمەي ئوينىتىپلا بىر تېمىنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ ، ئەگەر شۇنداقلار يازىدىغان ئىش بولسا مەيلى مىللەت ياكى زىيالى توغۇرلۇق بولسا كەمىنە ئالىي مەكتەپنى ئوقىمىغان ئاددى بىر ئىشلەمچى بۇنداق تېمىدىن كۈندە نەچچىنى مۇنبەرگە يېزىۋېتىشقا قۇربۇم يېتىدۇ !
  مىللەت توغۇرلۇق تېما يېزىشتا يېنىكلىك قىلماڭ !  
   ھە راس سىزدىن سوراپ باقاي ؟  شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلىغا مۇشتىرى بولغانمۇ ؟ ياكى ئانچە مۇنچە سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باققانمۇ ؟

مۇشۇ زىناخورلار ،ھاراق ئىچىۋاتقانلار ۋە باشقا ئەشەددىي گۇناھ ئۈستىدىكىلەرنى تىرويا ياغاچ ئېتىغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ .نىمىشقا دىسىڭىز .بۇ گۇناھلار شەيتاننىڭ مەھسولاتلىرىدور .لېكىن مۇشۇ گۇناھلارنى قىلىۋاتقانلار بىزنىڭ ئۇيغۇرداشلىرىمىز ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلىۋاتقانلاردور .

مۇسۇلمانلىق داۋاسى دىگەن ؟  ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز بەك ياخشى بولاركەن ؟

شۇڭا بارلىق ئازاپ ئىچىدە ،نومۇس ئىچىدە ،يوقۇتۇش ئىچىدە ،نالە ئىچىدە ،قىرغىنچىلىق ئىچىدە ،چۈشكۈنلۇك ئىچىدە ....ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىڭىز سىزگە غەزەپ بىلەن ۋاقىرايدۇكى :ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ خائىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!نەپسىڭنىڭ تارت!!!!!ئىتقاتىڭنى تاپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

بۇ جۈملىلىرىڭىز شۇنچىلىك بەدبەدى سۆزلەر بىلەن يېزىلىپتۇكى لېكىن  لوگىگا خاتالىقى مانا مەنلا دەپ چىقىپ تۇرىدۇ ، ياخشى ئوقۇپ بېقىڭ :
  سىز ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە .نومۇس ئىچىدە ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ دىمەكچىمۇ ؟
  خائىن دىگەن نىمە ؟
  سىز ھاراقكەشلەرنى قانداقسىگە خائىن دېيەلەيسىز ؟
  يەنىلا دەيدىغىنىم كۆپرەك كىتاپ ئوقۇڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )