- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2632
- نادىر
- 0
- يازما
- 118
ئۆسۈش
  21.07%
|
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى ilimدە2011-04-22 18:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ساتار كىمنى كىم ئازدۇرۇپتۇ ............ تېمىلىرىمدىن مەنپەئەت ئالمىغانلار بار ..لېكىن مەنپەئەت ئالغانلار ۋە
مېنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغانلار نۇرغۇن ..ئۇلارنى مەن شەيتاننىڭ يولىغا باشلىمىدىم .ئۇلار شۇنداق ياخشى كېتىپ بارىدۇ .
لېكىن سىز قانداق ئىشلارنى قىلدىڭىز دەپ بېقىڭە ..يازغان ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۈپ باقاي ئەۋتىڭ ئادرىسنى
مەن ئالدىراپ بىر نەرسە يازمايمەن ، بۇ ئۆمرۈمدە 3 ماقالە يېزىپتىمەن ، شىنجاڭ مەدەنىيتىدىن كۆرىۋالايسىز !
سىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئويلىۋاتقىنىڭىز ياخشى ، لېكىن شۇنداق يازغۇچىلىرىمىز باركى سىزدەك يازغىلى تۇرسا سائىتىگە بىرنى يازىدۇ ، لېكىن ئۇلار يازمايدۇ ،ئۇلار خەلق ئويلانغىدەك ، خەلققە ئەمەلىي پايدا - مەنپەئەت ئېلىپ كەلگۈدەك نەرسىلەرنى يازىدۇ ،
مېنىڭ بىر قانچە تەقۋادار تونۇشلىرىم بار، بىرى بېيجىڭ ئىسلام ئۇنۋېرستىتى بىرى مىسىردا بىلىم ئېلىپ كەلگەن ، ئۇلارنى بىر نەرسە يېزىشقا دەۋەت قىلىپ باقتىم ، ئۇلارنىڭ جاۋابى : بۇ پەنگە چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ ، بىزنىڭ سەۋىيەرىمىز تېخى ئۇ دەرىجىگە يەتمىدى بولدى .
ئۇلاردىن بەزىدە ئىسلام توغۇرلۇق سوئاللارنى سوراپ قالىمەن ، ئۇلار كىتاپ كۆرۈپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ، كېيىنرەك ماڭا جاۋابىنى بېرىدۇ ،
سىزگە قارىسام سىز ئىسلام تېمىلىرىدا ھازىر جاۋاپ كەنسىز ! ئېسىڭىزدە بولسۇن ، بۇ غۇلجىنىڭ چاقچاقلىرى ئەمەس ئاغىزغا نىمە كەلسە شۇنى دەپ دەۋەرگىلى ،
ئابدۇشكۈر ھاجىم چېغىدا بۇ جۈمەدە سوئال سورىسىڭىز كىتاپ كۆرۈپ كېيىنكى جۈمەدە جاۋاپ بېرىدۇ . شۇڭا ئىسلامنى نەقىل كەلتۈرۈپ ماقالە يېزىشقا سەل قارىماڭ بۇرادەر : ئالدىراقسانلىق قىلماڭ !
ھەدستىن ئۈچنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆز مەيلىڭىزچە يازما يېزىپ بىزگە ھەدىسنى يېشىپ بېرىۋاتامسىز ياكى نىمە قىلىۋاتىسىز ھېچ چۈشەنمىدىم !
ئەنقەر . قاھىرە ئۇنۋېرستتىتلىرىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرمۇ ئالدىراپ بىر نەرسە يازغان ئەمەس !
مۇشۇ مۇنبەردىكى مەڭگۈتاشنىڭ ئەسەرلىنى كۆرۈپ بېقىڭ ، بۇ ئۆمرىڭىزدە شۇنداق ئەسەردىن بىرنى يازغان بولسىڭىز ئىدى كاشكى !
يېزىقچىلىق ھەۋىسىڭىزگە سۇ سەپكىنىم بوپ قالمىسۇن ، داۋاملىق تىرىشڭ !
|
|