- تىزىملاتقان
- 2013-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 690
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  38%
|

دوستلار ،مەن يەكەن ناھيسىدىن بولىمەن .يىقىندىن بۇيان ناھيمىزدە :<<ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلار تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ ئىش ئورنىدىن قالدۇرلىدىكەن >>دىگەن گەپلەرپەيدا بولۇپ قالغانتى ،دۈشەنبە كۈنى ئورنىمىزنىڭ شۇجىسى يىغىن ئىچىپ ئاپتونۇم رايۇندىن شۇنداق ھۆججەت چۈشكەنلىكىنى،يولداشلارنىڭ ئىددىيسىدە تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئيتتى،بۇگەپنى ئاڭلاپ ئورنىمىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ %60دىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىشىغا غەم چۈشتى .
ناھيىمىزدە ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلار 2000دىن كۆپرەك بولۇپ ،بۇلار ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ 30ياشتىن تۆۋەنلەر %80دىن ئاشىدۇ،ھەمدە بۇلار ناھيە بازىرى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق .بۇلار2009-يلىدىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر 800يۈەندىن مائاش ئىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ،بۇلارنى قايتۇرۇشتىكى يەنە بىر سەۋەپ ناھيمىزنىڭ مەبلىغى بۇلارنىڭ مائاش چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيدىكەن،ئەگەر ئىدارە-ئورونلار بۇلارغا ھەققىي ئىھتىياجلىق بولسا ناھيىلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن مائاشنى ئىدارە -ئورۇنلار مالىيسىدىن بەرسە بولىدىكەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئورنىمىزدىكى (ھەممىسى ئۇيغۇر)بۇ خىزمەتداشلىرىمغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئىچىشتى ،ئۇلارغا قۇرۇق تەسەللىي بىرىش بىلەن توختاپ قالماي دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئىشىنىمەنكى باغداشقا ھەققىي ۋىجدانلىق دوستلار كىرىدۇ ،دوستلاردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەن ،بىلىدىغان دوستلار تۆۋەندىكى سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسەڭلار.
ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئەسلى مائاشى زادى نەچچە پۇل؟ئاپتۇنوم رايۇن راستلا شۇنداق ھۆججەت چۈشۈردىمۇ؟ ئۇلار قايتۇرۇلسا قايتۇرۇش پۇلى بىرىلەمدۇ؟ئۈچ يىللىق سۇغۇرتىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ |
|