- تىزىملاتقان
- 2013-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 98
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  32.67%
|
دوستلار ھەرخىل پىكىردە ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ ئويلۇدۇم، مەن ئۆزۈم قەشقەر شەھىرىدىن ،مەنمۇ 2009-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 10-ئايدا سىلەر دىگەندەك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن ئىدىم. بىزگە تاكى ھازىرغىچە ئۇنداق ئۇقتۇرۇش كەلمىدى، لىكىن بۇرنۇمغا پۇراقلىق. دوستلۇرۇم، بىز يەنە بىر قانچە يىلغىچە بۇ خىزمەت ئورنىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايمىز ، چۈنكى بىز ھازىر ھەممىمىز تىخى ياش ، يەنە بەش يىل ۋاقىت ئۆتسۇن ھەمىمىز ئۆيلۈك -ئوچاقلىق بولۇپ ، بىرقانچە بالىغا ئاتا-ئانا بولغاندا ، بىزنىڭ ياشلىق باھارىمىز ئۆتۈپ بولغاندا ئاندىن ئۇلار جەزمەن شۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش بىلەنلا ھەممىمىزنى ئىشتىن بىكار قىلىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتقىچە ئۇ ئازغىنە پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتمەي ، ئەقلىمىزنى ، كۈچىمىزنى ئىشقا سىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بۇرۇنراق ئۇل سالغىمىز ئەۋزەل دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ پات يىقىندا ئۆز كەلگۈسۈم ئۈچۈن بۇ خىزمەتتىن يىراقلىشىمەن. |
|