- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 45
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  22.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sazturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-19 23:29
مەن ‹‹ سازتۈرك ›› . ئوڭ يۈزۈم ساز تۈرك ، سول يۈزۈم مازتۈرك .
بۇ تېما ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن . ئاپتور ، پەلسەپىنىڭ نېمىگە شۇنچە زۆرۈر ، ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نازۇك تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىزدىكى پەلسەپە نامراتلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، بەزى تورداشلارنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكىنى قوزغاپ قويۇپتۇ ، بۇ ھال - تېمىدا ئوتتۇرىغا تاشلانغان مەسىلىلەرگە پاراللېل ھالدا دەل مۇشۇ خىل شىكايەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قۇۋۋەتلەيدىغان يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم ئىنكاسلارنىڭ ئاپتورنىڭ تەنقىدىي قاراشلىرىنىڭ ئىسپاتىغا يەنە بىر دەلىل سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى بىلەن تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە بولۇپتۇ ، دەپ قارىدىم .
داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا پەلسەپە ھەققىدىكى ئەڭ يۈزەكىي شەرھلەرنى بېرىش بىلەن تېمىدىكى مۇنازىرىخانلارنىڭ ئاۋۋال شۇنچىلىك بىر تونۇشقا ئىگە بولماي تۇرۇپ مەيدانغا چىقماسلىقىنى سەمىمىي ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ، بەزى تورداشلار لوگىكا نۇقتىسىدىن ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەمگىكىنى بىر تېپىكتىلا يوققا چىقارماقچى ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئاغدۇرىۋەتمەكچى بولۇپ يەڭ شىمايلاپ چىققان بولسىمۇ ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ مۇلاھىزە دائىرىسى ئاپتۇرنىڭ تېمىسىدىن ھالقىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ . ھەقىقىي مەنىدە ئاپتورنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنى :‹‹ بىر ئەر ئەمەس، مۇسۇلمانمۇ ؟ ›› دېگەن سوئال بولماستىن مۇشۇ سوئالنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان لوگىكىلىك زىددىيەتنىڭ قانداق تەپەككۇر مېتودى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ تەپەككۇر مېتودىنىڭ زادى كاتېگورىيە جەھەتتىكى بىمەنىلىكىنىڭ قانداق يوسۇنلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ؛ كاتېگورىيە مىزانلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ خىل يوسۇنلارنىڭ ئاممىۋىي تەپەككۇرغا قانداق زەخمىلەرنى كەلتۇرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر نازۇك پەلسەپە تېمىسى ئىدى .
ئاپتۇر بۇ تېمىدا ئەنە شۇ زەخمىگە يولۇقۇۋاتقان ئاممىۋىي ئاڭنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر قىسىم دىنىي زاتلارنىڭ ، دىنغا ھېرىسمەن ياشلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى تۇتقا قىلىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن خالاس . مۇشۇ خىل كىشىلەردە دەل ئاپتۇرنىڭ تەنقىد قىلىۋاتقىنىدەك ، ھېسسىي بىلىشلەردىن ئەقلىي بىلىشلەرگە ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان تار ، بېمەنە ھالدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسى مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيىتىگە قانداق كەيپىياتتا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ماقالىنىڭ تېمىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى پايدىلانما ماتېرىيال قىلىنغان . ئەمما ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنى ھەقىقىي مەنىدە ئۇلار ئۈستىدىكى ئاددىي شىكايەت ئەمەس بەلكى پەلسەپىنىڭ نېمىشقا شۇنچە زۆرۈر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر تونۇشلا خالاس .
شۇڭا تورداشلارنىڭ ئاپتورنىڭ كىمنى ، نېمىنى تىلغا ئالغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى قانداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھېس قىلىشىنى ۋە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . |
|