- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 458
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
  14.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تورداشلار ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ؟
بەزى تورداشلار ئاپتوردىن ئاغرىنغانلىقىنى، بەزىلەر قوللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مېنىڭچە بىزدىكى ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىك دىن بىلەن مىللەت مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنىشمەلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى تازا ياخشى ئوقۇيلى، قايتا-قايتا ئوقۇيلى، دىن بىلەن مىللەت ھېچقاچان ھىچيەردە زىت ئەمەس، بىز ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان بولۇپ ياخشى ياشاپ كېتەلەيتۇق، ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەرلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ شائىرلىقىنى دورىيالمىساقمۇ ئۇيغۇرلىقىنى، ئۇنىڭدىكى ئىماننى، ئىتقادنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، باتۇرلۇقنى، جاسارەتنى... تونۇپ يېتەيلى!!! ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزمىغىچە ئاللا ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ دېگەن بىر ئايەت بارغۇ دەيمەن.
بىرلىرىمىز ئاللا دەپلا مىللەتنى ئۇنتۇساق، بىرلىرىمىز ۋەتەن دەپ دىن، ئىمان، ئىتقادنى ئۇنتۇساق، تەكلىماكاننىڭ قۇمىدەك تېرىلىپ، چېچىلىپ، ئازراقلا سالقىن چىقسا ئۇچۇپ نەلەردىدۇر سەرسان بولۇپ يۈرسەك ئاخىرىدا دىنىمىزمۇ، مىللىتىمىزمۇ.... ھىچنىمىمىز قالمايدۇ.
ئاللا بىلەن بولغاننىڭ ئالدىغىنى كۆپ، ۋەتەن بىلەن بولغاننىڭ بېرىدىغىنى كۆپ. ئالىمىز دەپ ئاللا، ئاللا، ئاللا دەپلا ياشىمايلى، ئانچە-مۇنچە ۋەتەن ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەر بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى!!! |
|