- تىزىملاتقان
- 2011-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7001
- نادىر
- 0
- يازما
- 270
ئۆسۈش
  40.02%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا motiwarlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 23:39
Alparislan يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 22:30 
ئۇخلىماي چۈش كۈرىۋاتقان رىياللىقتىن چەتنەپ قايسى تەر ...
سەن نىمە دىيىشتىن قەتئى نەزەر قانۇنى يول ۋە گۈلەن ئەپەندىلەرنىڭ ماڭغان يولى توغرا. ئۇلارنىڭ ماڭغان يولى بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلى مەكتەپلەردىكى مائارىپچى بولۇشقا ئەزەلدىن سالاھىيىتى توشمايدىغان گىزەندىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلمەكتە. ئۇلار ھەتتا بالىلىرىمىزغا؛ ئۇيغۇر تىلى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى خەنزۇ تىلى، دەپ بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان ئىشتىياقىنى سۇسلاشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان قىممەت قارىشىنى سۇندۇرماقتا. ئۇلارغا ئانا تىلىنى تەكرار قىلىدىغان ۋاقىت تولىمۇ قىس بولماقتا. قوش تىل نامىدىكى مەكتەپلەردە ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىلمەيلا قالماستىن ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەممۇ يوق بولماقتا. بالىلىرىمىز خەنزۇ تىلدا كالدىرلىماقتا، دەپتەرلەرگە شىلدىرلىتىپ خەنزۇچە خەتلەرنى يازماقتا. ئەمما مەنىسىنىڭ نىمىلىكنى ئەسلا بىلمەيدۇ. بالىلىرىمىز ئالدىدا بىز جاۋاپكار.
ئاتالمىش قوش تىلدا تەربىيلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىگە كىم جاۋاپكار؟ يەنىلا بىز ئاتا ئانىلار! قوش تىللىق مەكتەپلەردە بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان تىلنى بالىمىزنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆگەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەگەر ئانا تىلنى ئۆگەنسە بىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنەتتى. ئەمما خەنزۇ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆگىنىپ مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. ئۆگەنگىنى ئاز بولسىمۇ بىلىپ ئۆگەنگىنى ياخشى.مەن قىزىمنى يەسلىگە بەرمەي ئۆيدە بىر يىل ئېلىپبە ئۆگەتتىم. لىكىن مەكتەپكە كىرگەن يىلى ھەممە دەرىسلەر خەنزۇچە بولۇپ كەتتى. شۇ بىر يىل يەنىلا ئۆيدە ئېلىپبەنى تەكرارلاپ تۇردى. كىيىنكى يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات دەرىسى ئەسلىگە كەلدى. مەن خوش بولدۇم. لىكىن ھازىر قارىسىام بو خوشلۇقۇم بەك بالدۇر بولۇپ قاپتۇ. ئانا تىل ۋە ئانا تىل دەرىسى يەنىلا يادرودىن سىقىپ چىقىرىلىپ بالامنى تىل ئەدەبىيات دەرىسى مەشىقىگە دەۋەت قىلىپ تۇرمىسام بالام ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنى مەشىق قىلمايدىغان بوپ قاپتۇ. خەنزۇ تىلى تاپشۇرۇق ۋە تەكرار بېسىپ كېتىدۇ. ئىشلىمىسەك مۇئەللىم ئۇرۇدۇ، دەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات مەشىقى ۋە تاپشۇرۇقىنى مۇئەللىم ئانچە بەك سۈيلىمەشمىس.ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرۈلمىسە مۇئەللىم دەرىسنى قانداقمۇ ياخشى ئۆتسۇن؟ مەكتەپتە بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالغان ئۇيغۇر تىلىغا قاراپ بالام ئۇيغۇر تىلىنى قېتىقىنىپ ئۆگىنەرمۇ؟
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بىز ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىز بولىشى كىرەك ئىكەن!
ئەگەر بالام قوش تىللىق مەكتەپتە ئۇقۇمىغانلىقى ئۈچۈن كەلگۈسىدە خىزمەت بېرىلمەيدۇ،دىيىلسە مىنىڭ قىلچە داۋايىم يوق.
ئىقتىسادمۇ ئوخشاشلا مائارىپنىڭ جېنى. قانۇنى يول ئەپەندىنىڭ قىلغانلىرى توغرا.
داس_چىلەك ئەپەندى، بەزى گەپلەر راسقا سەل ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قايسى راستۇ؟ دەپ تەۋرىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق!
|
|