- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
1.ۋاھ دەسلەپتە يەپ بېقىپ قاتتىق بەك ياراپ كەتكەن بۇ خىل كىچىك قاقتىن كىلۇ كىلۇ ئەكىلىپ يەپ يۇرۇپتۇق . ھېلىمۇ خۇداغا شۇكرى بالامنىڭ يەل يىمىش بىلەن ئانچە خوشى يوق بولغاچقا ئانچە كۆپ يىمدى .
2.ۋاي ئۆرۇك دەرىخىنىڭ ئۇچىدا قۇرىغان قاقكەنەي ،ۋاي شاپتۇل بىلەن چاڭلاشتۇرغان قاقكەن ،ۋاي بەك تەملىككەن دەپ دوسلار ئۆز ئارا شاڭخوپاراڭلىرىمىزدا تولا ماختاشتۇق ، كىيىنرەك ئىسلانغان قاقكەن بۇ جۇما دىگەندەك گەپلەر بىلەن سەل ئەپسۇسلانغان بولساقمۇ يىيىشنى توختاتمىدۇق .
3. ئەللىك كويدىن ، قىرىق كويغا چۇشتى بۇ ئوقەت ، ئاڭساق كوچا كويلاردا باققاللارنىڭ قولىدا ئوتتوز كويغىمۇ چۇشكەنمىش ، ئەركىن بازارنىڭ يەر ئاستى يەل يىمىش كوچىسىدا 25 يۇەنگىمۇ بىرەرمىش ، ۋاي پۇرسەت كەپتۇ يەيدىغان دىگەندە ............................
4. ۋاي دەيدۇ ئىسلانغان تەركىپ ئارتىپ كەتكەنمىش ، كوچىدىكى باققاللارنىڭ قولىدىن يىغىۋالغانمىش .( بۇ يىغىۋالغان ئىشنى دەلىللەندى ) ۋاي راك پەيدا قىلغۇچى ماددا زىيادە ئىمىش دىگەندەك پاراڭلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق ، ئاللاھ ياراتقان تەبىئى قاقتا مەسەلە يوق ، ئەمدى مەسەلە ئىسلاش جەرياندىكى خىيمىيىلىك ئىش قوشۇشتا بولۇشى مۇمكىن .
5. ھەممىمىزگە جان لەزىم باللا بولاپمۇ كىچىك نارسىدىلەرنىڭ يەۋىلىشدىن قاتتىغ ساقلانساق . قالدى گەپنى مەڭگۇ ئىشەنىچلىك ھۆكۆمەت ئاكامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسام دەيمەنغۇ ، |
|