- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2568
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
  18.93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-25 11:49
قاق ئاتالغۇسى ھۆل مېۋىنىڭ قۇرۇتۇلغىنىغا قارىتىلغان ئومۇمى ئاتالغۇ،ئۆرۈكنى قۇرۇتسا ئۇنى گۈلە دېيىش توغرا،ئەگەر يۇقۇردا بىرسى دېگەندەك ئۆرۈك قېقىنى قاق دېسەك باشقا مېۋىلەرنىڭ قېقىنى نىمە دەپ ئاتايمىز؟
بەزى يۇرتلاردا قاق دېسە ئۆرۈك قېقى كۆزدە تۇتۇلىدىكەن،تۇخۇم دېسە توخۇ تۇخۇمى كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.بۇ توغرىدا بىر ۋەقەنى(يۇمۇرغا ئوخشاپ كېتىدۇ)سۆزلەپ بېرەي:
خەنزۇچىنى تازا ئوبدان بىلمەيدىغان بىر كىشى يۇرتىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ،كۆكتات دۇكىنىدىن قىزىلمۇچ قېقى سېتىۋالماقچى بوپتۇ،دۇكانغا كىرىپ دەماللىققا قىزلمۇچ قېقىنىڭ خەنزۇچىسىنى ئېسىگە ئالالماپتۇ،كۆڭلىدە قىزىلمۇچنىغۇ لازا دەيدۇ،قاقنى يۇرتىمىزدا شىڭگەن(杏干)دەيدىغان شۇ بويىچە دەپ باقايچۇ دەپ ئويلاپ:دۇكاندارغا لازىشىڭگەن يومۇيۇ ؟دەپتۇ.
يەنە بىرەيلەنگە كەپتەر تۇخۇمى لازىمكەن،بازارنى ئۇزۇن ئارىلاپ ھەرخىل تۇخۇم سېتىش بازىرىغا كەپتۇ،لېكىن خەنزۇچىدا كەپتەر تۇخۇمىنى نىمە دەيدىغانلىقىنى ئىچىدە ئويلاپتۇ،ئۇ كىشىنىڭ يۇرتىدا توخۇ تۇخۇمىنى تۇخۇم دەپلا كۆنگەچكە،ئويلاپتۇ تۇخۇمنىڭ خەنزۇچىسى چوقۇم جىدەن(鸡蛋)بولىشى كرەك،كەپتەرنى گېزى دەيدۇ،شۇنداق بولغاندا كەپتەر تۇخۇمىنى خەنزۇچىدا گېزى جىدەن دېيىشى مۇقەررەر،ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدىن قالتىس سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ-دە،دۇكانداردىن سوراپتۇ، نى جېلى يۇمۇيۇ مەي گېزى جىدەن ؟
دېمەك بىزنىڭ بەزى جايلارنىڭ تىل ئادىتىدە ئىسم،ئاتالغۇلارنىڭ كونكېرت بولماسلىغى يۇقۇردىكى يۇمۇرلۇق دىئالوگلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان.شۇڭا ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە بىزنىڭ يۇرتتا شۇنداق دەيمىز دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالماي،تىلىمىزدا قېلىپلاشقان توغرا ئاتىلىشىنى ئۈگۈنىۋالاليلى.
|
|