بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 13:04
نازىر دەرىجىلىك رەھبەر دۆلەتنىڭ ئون مىليۇنغا يېقىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بۇزۇپ چىچىۋەتسە بۇنىڭ سۈرۈشتىسى بولمامدۇ؟
ھۆرمەتلىك دوستلار ،تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر :
مەن بىر مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك كادىر بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن2009-يىللىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي
قۇرلىشىغا كېتەرلىك پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى سېتىۋىلىش ئىشىغا چېتىلىپ قېلىپ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ئالدىنىپ قېلىش جىنايىتى بىلەن 1 يىل 6ئايلىق مۇددەتلك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم .(2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتىرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنجى سوتنىڭ ھۆكىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاخىرقى ھۆكۈمنامە چۈشۈردى .)
ئەدىلىيە ئورگانلىرى مېنىڭ ئۈستۈمدىن دىلو تۇرغۇزغاندىن كىيىن مەن بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ دىلونى ئاساسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى
قەشقەر
ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىسى ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش گورپا
ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغىنى ئىگەمبەردى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئا»دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىزدەپ ئۇنىڭ
تەشكىل ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا ئەينى ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ لېكىن ،ئۇ بۇنداق قىلمايلا قالماستىن ئەكسىنچە ئۆز مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاق-قارىنى ئاستىن –ئۈستۈن قىلىۋىتىپ مېنى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ 2008-2009-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشىغا كېتەرلىك پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى بىر تۇتۇش سېتىۋىلىش جەريانىدا ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ پولات- چىۋىق تەمىنلەش سودىگەرى بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن نامرات دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەرگەن ئون مىليۇنغا يېقىن مەبلەغنى زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشىنى ھەر بىرىڭلارغا ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولدۇم .يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن :
1-2008-يىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان:
2007-يىلى «ئا»نامرات دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش تەنەرقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ۋىلايەتتىكى 12 ناھىيە شەھەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشىغا كېتەرلىك پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى ۋىلايەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش« شۇئارىنى »ئوتتىرىغا قويغان ،شۇ يىلى يىل ئاخىرى ئۇ« لى» فامىلىلىك بىر سودىگەرنى تېپىپ كەلگەن («ئا»نىڭ دېيىشىچە بۇ سودىگەر ۋىلاياتتىكى مەلۇم بىر ئاساسلىق رەھبەرنىڭ تۇققىنىمىش )«ئا» قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىش نەتىجىسىدە« لى »فامىلىلىك سودىگەر كورلا شەھرىدىن ياللاپ ئېلىپ كەلگەن ئۈچ كارخانا 2008-يىلى چاغاننىڭ ھارپا كۈنىسى ئېچىلغان ئاتالمىش «خىرىدار چارقىرىش »يىغىنىغا قاتنىشىپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان 6 كارخانىنىڭ ئىچىدە ئايرىم –ئايرىم ھالدا بىرىنجى ،ئىككىنجى، ئۈچۈنجى بولۇپ تاللانغان ،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنجى بولۇپ تاللانغان بايىنغولۇن گورۇي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ب» تەرەپ دەپ ئاتىلىدۇ) 2008-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلىشى ئىشخانىسى بىلەن شۇ يىللىق پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى سېتىش –سېتىۋىلىش توختامنامىسىنى ئىمزالىغان ،توختامدا 6.5لىك پولات چىۋىقنىڭ ھەر توننىسى 1260يۈەن ،12لىك پولات چىۋىقنىڭ ھەر توننىسى 4310 يۈەن دەپ بىكىتىلگەن .توختام ئىمزالىنىپ 3 ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە يەنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئا»نىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقى ئاستىدا «ئا»ۋە«ب»تەرەپ ئاتالمىش تولۇقلىما كىلشىمنامە ئىمزالاپ خېرىدار چاقىرىش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمللىرىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن ،ئەسلىدىكى پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى سېتىۋىلىش باھاسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتكەن . تولۇقلىما كېلشىمنامىدە ئەسلىدىكى توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تەمىنلىگەن پولات چىۋىقنىڭ ھەر بىر توننىسى 5300 يۈەندىن ئىجرا قىلىنىدۇ .5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ تەمىنلىگەن پولات چىۋىقنىڭ باھاسى 5600 يۈەندىن بولىدۇ دەپ بىكىتىلىپ ھەربىر توننا پولات-چىۋىققا 1000يۈەندىن 1300 يۈەنگىچە باھا قېتىلغان. ئىستىكا قىلىنىشىچە 5-ئاينىڭ 15-كۈندىن بۇرۇن تەمىنلەنگەن پولات چىۋىقنىڭ ئەسلىدىكى توختام بىلەن بولغان باھا پەرقى 757800 يۈەن ،5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كىيىن تەمىنلىگەن پولات-چىۋەقنىڭ ئەسلىدىكى توختام بىلەن بولغان باھا پەرقى 2483000 يۈەن بولغان .ئۇنىڭدىن باشقا 2008-يىلى مۇناسىۋەتلىك ناھىيىلەر ئالدىن چىقىم قىلىپ ئالالمىغان پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنىڭ قىممىتى 1750000 يۈەن بولۇپ ،يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك زىيان سوممىسى 4998000 يۈەن بولغان .
3- 2009 يىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان:
2008 –يىلى «ب »تەرەپ «ئا»تەرەپكە 1750000 يۈەن پولات ماتىرياللىرىنى تەمىنلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا «ئا» يەنە «قالدۇق مەسلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش» نى باھانە قىلىپ ،يەكەن ۋە يىڭشەھەر ناھىيىسىنىڭ 2009-يىللىق پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى سېتىۋىلىش توختامىنى داۋاملىق «ب »تەرەپ بىلەن تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە كارخانا بىلەن توختانغا مۇناسىۋەتلىك كونكىرىتنى ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن مېنى بۇ توختامغا ئىمزا قويۇشقا بۇيرىغان ،گەرچە مەن بۇ توختانغا ئىمزا قۇيۇشنى رەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئۆز ھوقوقىنى پەش قىلىپلا قالماستىن ۋىلايەتتىكى مەلۇم بىر ئاساسلىق رەھبەرنى ئېغىزىغا ئېلىپ ماڭا بېسىم ئىشلەتتى . بۇنداق شارائىتتا ئامالسىزلىقتىن توختامغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم ،توختام ئىمزالانغاندىن كىيىن يەكەن ۋە يىڭشەھەر ناھىيەلىرى پولات ماتىرياللىرىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن «ب »تەرەپكە ئالدىن چىقىم قىلغان مەبلىغى 7330000 يۈەن بولۇپ،«ب »تەرەپ 2800000 يۈەنگە يېقىن پولات ماتىريال مەبلىغىنى يۈتىۋىلغان ھەم ماتىريال بىلەنمۇ تەمىنلىمىگەن ،بۇ مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە دىلۇ مەلۇم قىلغاندىن كىيىن قايتۇرۇپ كىلىنگەن مەبلەغ 1170000 يۈەن ،قالغان 1630000 يۈەن مەبلەغنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئېزدىرىكى يوق .
3-توختامدا 2008-ۋە2009 يىللىق پولات ماتىرياللىرى نەزىريە ئېغىرلىقى بويىچە تەمىنلىنىدۇ دەپ بىكىتىلگەن .دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملىرىگە ئاساسلانغاندا ،پولات ماتىرياللىرىنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلىقى بىلەن نەزىريە ئېغىرلىقى ئوتتىرىسىدىكى پەرق مىڭدىن 5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ،لېكىن «ب »تەرەپ تەمىنلىگەن پولات ماتىرياللىرىنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلقى بىلەن نەزىرىيە ئېغىرلىق پەرقى %27 گە يەتكەن، ئەگەر بىز بۇ پەرقنى %15 بويىچە ھېسابلىغان ۋاقىتتا «ب »تەرەپ 2 يىل جەريانىدا كەم بەرگەن پولات ماتىرياللىرىنىڭ قىممىتى 2800000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن .يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك زىيان سوممىسىنى قاتقاندا 2يىل جەريانىدا كېلىپ چىققان ئومومىي زىيان 9420000 يۈەندىن ئاشقان .
«ئا»نىڭ بۇ خىل قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى گەرچە ئۇنىڭ ئۆزى ۋە كارخانا خوجايىنى ئۈچۈن باي بولۇش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن دۆلەت ۋە نەچچە مىڭ ئۆي سالىدىغان نامرات دېھقانلار ئۈچۈن غايەت زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارسىدىكى ئوبرازىغا زور داغ كەلتۈردى .
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار :
1-2009-يىلى توختامنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا كېلىپ
چىققان سۈپەتنىڭ ناچار بولىشى ،مال ئېغىرلىق سانىنىڭ كەم بولىشى ۋە مالنى ۋاقتىدا تەمىنلىمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم دوكلات قىلغاندا ئۇ« بۇ ئىشلار ۋىلايەتنىڭ ئىشى ئەمەس ،
ناھىيە ۋە كارخانا ئۆزى ھەل قىلىدۇ »دەپ بىزنى ئارلاشتۇرمىدى .
2-جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورنىغا دىلۇ مەلۇم قىلغاندىن كېيىن
ئەدىلىيە ئورگانلىرى مۇپەتىش دوكىلاتىغا ئاساسەن 2008-ۋە2009-يىلى «ب »تەرەپكە ئالدىن ئالا چىقىم قىلىپ بەرگەن لېكىن «ب »تەرەپ تەمىنلىمىگەن پولات ماتىرياللارنىڭ قىممىتى 4410000
يۈەن دەپ بىكىتىلگەن ،لېكىن قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت
مەھكىمىسى سودىگەر«لى»نى 1410000 يۈەن پولات
ماتىرياللار مەبلىغىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان دەپ 13 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا
ھۆكۈم قىلدى .توختام تۈزۈش ۋە ئىجراى قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ۋە ئالدىنىپ قىلىپ 4410000 مىڭ يۈەن زىيان كەلتۈردى دەپ مەن ۋە مېنىڭ ئالدىمدىكى مۇدىر مۇچۈننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر يېرىم يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى،ئىشنىڭ قىزىق يىرى شۇ يەردىكى بىرەر ئورۇن ياكى بىرەر ئەدىلىيە خادىمى بۇ كارخانا قانداق بولۇپ خىرىدار چارقىرىش يىغىنىدا تاللانغان ،2008-يىللىق مەسىلە ھەل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كىم ،نېمە ئۈچۈن بۇ كارخانا بىلەن 2009- يىللىق توختام تۈزۈشنى قارار قىلغان ،توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرى توغرىسىدا كىم «ب »تەرەپتىكى قانداق ئادەم بىلەن سۆزلەشكەن .خىرىدار چاقىرىش ئارقىلىق تۈزۈلگەن توختامنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ -ئەمەسمۇ دېگەن مەسلىلەرنى سۈرۈشتە قىلمىدى .ئۇنىڭدىن باشقا 2يىل جەريانىدا كېلىپ چىققان بىۋاستە زىيان 4410000 يۈەننىڭ ئىچىدىن «لى» 1410000 يۈەننى قانۇنسىز ئىگەنلىۋالغان بولسا قالغان 3000000 يۈەن مەبلاغنى كىم يۈتىۋالدى ؟دېگەن مەسلىلەرگە قارىتا ھېچقانداق سادا چىقمىدى ،بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا دۆلەتكە بىر مىليۇندىن ئارتۇق زىيان كەلتۈرسە قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بىرلىدۇ دىيىلگەن ،لىكىن «ئا»نىڭ 10000000 غا يىقىن زىيان كەلتۈرگەنلىكى بۇ بىر ھەقىقەت ،پاكىت ۋە ئىسپاتلار تولۇق تۇرۇقلۇق ھېچقانداق بىر ئورۇننىڭ كارى بولماسلىقتىكى سەۋەپ ئۇنىڭ نازىر دەرىجىلىك رەھبەر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟
مەن قانۇننىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىمەن ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ھەقىقى جىنايەتچنى قانۇن بويىچە جازالاپ جەمىئەتكە ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسىغا ئادى ۋە ھەقىقى جاۋاپ ئېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى : 13309987988
|