- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19143
- نادىر
- 1
- يازما
- 841
ئۆسۈش
  22.86%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablikim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 23:23
‹‹ نازىر دەرىجىلىك رەھبەر دۆلەتنىڭ ئون مىليۇنغا يېقىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بۇزۇپ چىچىۋەتسە بۇنىڭ سۈرۈشتىسى بولمامدۇ؟
ھۆرمەتلىك دوستلار ،تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر :
مەن بىر مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك كادىر بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن2009-يىللىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي
قۇرلىشىغا كېتەرلىك پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى سېتىۋىلىش ئىشىغا چېتىلىپ قېلىپ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ئالدىنىپ قېلىش جىنايىتى بىلەن 1 يىل 6ئايلىق مۇددەتلك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم .(2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتىرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنجى سوتنىڭ ھۆكىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاخىرقى ھۆكۈمنامە چۈشۈردى .)
ئەدىلىيە ئورگانلىرى مېنىڭ ئۈستۈمدىن دىلو تۇرغۇزغاندىن كىيىن مەن بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ دىلونى ئاساسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى
قەشقەر
ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىسى ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش گورپا
ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغىنى ئىگەمبەردى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئا»دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىزدەپ ئۇنىڭ
تەشكىل ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا ئەينى ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ لېكىن ،ئۇ بۇنداق قىلمايلا قالماستىن ئەكسىنچە ئۆز مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاق-قارىنى ئاستىن –ئۈستۈن قىلىۋىتىپ مېنى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ 2008-2009-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشىغا كېتەرلىك پولات چىۋىق ماتىرياللىرىنى بىر تۇتۇش سېتىۋىلىش جەريانىدا ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ پولات- چىۋىق تەمىنلەش سودىگەرى بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن نامرات دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەرگەن ئون مىليۇنغا يېقىن مەبلەغنى زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشىنى ھەر بىرىڭلارغا ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولدۇم .››››››››››››››››››››››-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەمەت رېيىم ئەپەندىم . سىنىڭ مۇشۇ قۇردىكى بايانىڭدىنلا ساڭا ھىسداشلىق قىلىشقا تىگىشلىك رەھبىرى كادىر ئەمەس ئىكەنلىكىڭگە كۈزۈم يەتتى . مىنىڭ شەخسى قارشىم ؛ ساڭا بىرىلگەن جازا يىنىك بوپقاپتۇ ئەپسۇس ، شۇڭلاشقا كومپارتىيىگە رەھمەت ئېيتساڭ بولغىدەك . ماۋزىدۇڭنىڭ ۋاقتىدا بولغان بولساڭ نەچچە قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم بولۇپ كىتەركەنسەن . سەن تىلغا ئالغان ۋالى ئابدۇغېنى ئەگەمبەردىنىڭ 2008-ۋە2009-يىللىرى دىھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا ئاجراتقان ھۆكىمەت مەبلىغىدىن 10 مىليون يۈەننى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى سەنمۇ بىلدىكەنسەن ، نىمىشقا شۇۋاقىتتىلا ئاشكارلىماي ئەمدى نىمە سەۋەپتىن كۆپچلىككە ئاشكارلاشقا مەجبۇر بوپ قالدىڭ .سەۋەپ ئاددى ، چۈنكى سەن ھازىر باشقىلارنىڭ ‹‹ خوجاڭنىڭ ›› قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كىتىپ جىنايەتچى بوپ قالغاچقا بۇ ئاچچىق ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىپ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىدىڭ شۇنداقمۇ ؟ ئەگەر سەنمۇ بۇ شامالدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ سىنىڭ ئورنۇڭدا باشقا بىرسى قارا كەتكەن بولسا ،سەنمۇ بۇنداق كاپشىپ يۈرمىگەن ، ئابدۇغېنى ئىگەمبەردىمۇ ھۆكىمەتنىڭ 10 مىليون پۇلىنى بۇزمىغان ياخشى ۋالى ،سىنىڭ ياخشى رەھبىرىڭ بولۇپ قېلىۋەرگەن ، سەنمۇ ھېلقى ۋالى بىلەن بىرگە يەنە داۋاملىق يۇقۇردىن ،تۆۋەندىن كەلگەن مەبلەخلەرنى تەڭ زىيانغا ئۇچۇرتۇپ گۆشى بىلەن شورپىسنى خەققە سۇڭلى قىلىپ سۆڭەك غاجىلاپ يۈرۈۋەرگەن بولاتتىڭلار شۇنداقمۇ ؟ سىنى قۇربانلىق بوپ كىتىپسىز دىمەي بەلكى قىلغانلىرىڭنىڭ جازاسىنى يەپسەن دىسەك توغرا بولدۇ . قانۇن ئادىل بولمىغاچقا گۆشى بىلەن شورپىسىغا ئېغىز تەككەن تاغىللىرىڭ ئامان قېلىپ كەلگۈلۈك سەن بىچچارىگە كەپتۇ . بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر ، ئاشۇ 1يىل 6 ئايلىق ئالى ئوقشۇڭنى تۈگۈتۈپ كىلىپ سەنمۇ قەشقەرگە پۇخرا بولۇپ قالغان ۋاختىڭدا ، ئەينى ۋاقىتتا سەن ۋە ئابدۇغېنى ئىگەمبەردى بىلەن ئىككىڭ قىلۋاتقان خىزمەت ۋە ئۆتەۋاتقان ۋەزىپەڭدىن خەلىق ئۈچۈن نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىڭنى ، خەلىقنىڭ سەنلەردىن نىمىنى كۈتكەنلىكىنى ، سەنلەرنىڭ خەلىققە نىمە قىلىپ بەرگىنىڭنى ئويلاپ قالسەن ، شۇچاغدا ساڭا بىرىلگەن جازانىڭ دەل جايىدا ئەمما يىنىك بوپ قالغانلىقنى بىلىپ قالسەن كىچىكىپ بولسىمۇ . ئاۋۇ ۋالىنى قانۇننىڭ تۇتمىغان بىلەن خەلىقنىڭ قىساسى ھامان تۇتىدۇ . قەشقەردە تاكى 2009 -يىلى ‹‹ ئۈرۈمچى 7-ئيول ۋەقەسى ››غا قەدەر مىللى باشلىقلار مۇتلەق كۆپ ساندا ھوقۇق تۇتۇپ كەلگەن ، ئۆز خەلىقىڭنى قاتتىق ئىزىپ ، ئوچۇق ئاشكارە بوزەك قىلىپ مانا بۈگۈنكى تەپسە تەۋرىمەس ، ئۇرسا مۆرىمەس ، قۇللۇق ئىددىيسى كۈشلۈك قەشقەر خەلقىگە ئايلىنىپ قالغان . قەشقەر خەلقىنىڭ مۇشۇنداق ئاتلىپ قېلشىدىمۇ ، سەندەك مىللەت ئىچىدىن چىققان مەمۇرى خادىملارنىڭ تۆھپىسى ھەم خاتالىغى ھەم خەلىق ئۈچۈن قانداق ھاكىميەت يۈرگۈزگەنلىكنىڭ ئىزنالىرى بار ئەمەسمۇ ؟ خەلىقنىڭ قارغىشىمۇ تۇتماس بولۇپ كەتتى سەندەك بىرقىسىم مۇناپىقلارنى . سەمىمى ئەسكەرتىش ؛ مەن ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پۇخراسى ، ئىنكاس يازغاندا مىنىمۇ مەمەت رېيىم ياكى ۋالىغا ھەم قەشقەردىكى مەمۇرى ئورۇنلارغا باغلاپ پوداقچى دىگەندەك قالايمىقان قالپاق كەيدۈرۈرۈشكە ئالدىرماي ، ئىنكاسىمنى تەھلىل قىلىپ بېقشىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن . |
|