- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 242
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  80.67%
|
تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا شۇنداق ھەيران قالدىم ، بۇنداق ئايرىمىچىلىق ئۇرۇقى چېچىشتىن باشقا پوققا پايدىسى يوق تېمىنى تەتقىق قىلغۇچە بىز قانداق قىلساق تۈرۈك نامى ئاستىدا بىرلىككە كىلەلەيمىز ، بىرلىشەلەيمىز دىگەننى ئويلىنىڭلار ، تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تالاش تارتىش قىلىش ،پەقەت تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش خالاس ، بۇنىڭغا جاۋاب پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ مىللىتى تۈرۈك . خۇداغا مىڭ شۈكرى ، ھېلىمۇ رۇسلار ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر مىللىتى ،خوتەن مىللىتى كۈسەن ،مىللىتى ،غۇلجا ياكى تارانچى مىللىتى دىگەندەك تېخىمۇ ئۇششاق تەركىبلەرگە ئايرىپ مىللەتنى كۆپەيتىۋەتمەپتىكەن ، بولمىسا مۇشۇ كۈنلەردە ل.مۇتەللىپ تارانچى مىللىتىدىن دىسە ياق كۆسەن مىللىتىدىن ، ئابدىقادىر داموللام قەشقەر مىللىتىدىن دىسە ياق خوتەن مىللىتىدىن دەپ تالىشىپ ، بىر-بىرىمىزگە قېيدىشىپ يۈرەركەنمىز .
رۇسلار تۈرۈكلەرنى پارچىلاپ ئاتالمىش ھازىرقى مىللەت نامىمىمىزنى كاللىمىزغا شۇنداق سىڭدۈرىۋەتتىكى ،ھەييۇھانناس ، بىر ئۇرۇق ، بىر يىلتىزداش ئىكەنلىكىمىزدىنمۇ گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق ، خۇددى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى ئۆز دادىسىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تالاش -تارتىش قىلغاندەكلا ... ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بۆلۈپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتىمىز مانا .
شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە ، كىملىكىمىزدىكى مىللەت نامى دىگەن يەرگە تۈرۈك دەپ يېزىلسا ، قازاقىستاندىن تارتىپ تۈركىيىگىچە مىللىتىڭ دىسە تۈرۈك دەپ بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشايدىغان ، ئوتتۇرا ئاشىيادىن تارتىپ ،شەربىي ياۋروپاغىچە 200 مىليوندىن ئارتۇق تۈرۈك ياشايدۇ دەپ پەخىرلىنىدىغان ، ئابايدىن تارتىپ ،چىڭگىز ئايماتوۋغىچە مەشھۇر شەخىسلىرىمىز قاتارىدا تىزىلىدىغان ...... |
|