- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 885
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
  77%
|
ئۇيغۇرلار تۈركي قەۋىملەردىن “ئۆي ئايرىپ” چىقىشتىن بۇرۇن، بىۋاستە ئەجدادلىرىمىز بولمىش كۆك تۈركلەر مىلادى 500-يىللاردىن باشلاپ شەرىقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەرىبتە كاسپى دىڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا سىبىريەدىن جەنۇبتا سەدىچچىنغىچە بولغان كەڭ زىمىندا 200 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى ~2500-يىلىدىن مىلادى 500-يىللىرى مابەينىدە دەل مۇشۇ زىمىننىڭ ئالتاي تاغلىرىنى پاسىل قىلغان شەرقى يىرىمىدا كۆچمەن ھون قەبلىلىرى (en: Hun) ھۆكۈم سۈرگەن بولسا غەربىدە كۆچمەن ساك قەبلىلىرى (en: Scythian) ھۆكۈم سۈرگەن. ئۆز تارىخچىلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ئىككىلا قەۋىم بىزنىڭ ئەجدادىمىز. لىكىن بۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ھازىرقى تارىخچىلار تالاش تارتىش قىلۋاتقان مەسىلىلەردىن ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى بۇ قەۋىملەر ئۆزلىرى ھەققىدە بىر نەرسە يىزىپ قالدۇرمىغان. بۇلار ھەققىدىكى بايانلار كۆپىنچە يۇنان تارىخچىسى ھېرودوت ۋە خىتاي تارىخچىلىرى قالدۇرغان خاتىرىلەر ئاساس قىلىنغان. بولۇپمۇ ساكلارغا ئائىت خاتىرىلەر ھەممىدىن ئاز. لىكىن ساكلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى، توقۇلغان بۇيۇملار، مىستىن ئىشلەنگەن جابدۇق ۋە ھەيكەللەر، قىيا تاش رەسىملىرى، تاش بالباللار ئۇلارنىڭ ناھايتىمۇ يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ياراتقانلىقى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ شەرقى ياۋرۇپادىكى سىلاۋ مىللەتلىرى، كافكازدىكى مىللەتلەر، ئىرانلىقلاردىن تارتىپ ھىندىستاندىكى بەزى مىللەتلەرگىچە ساكلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ تالىشىدۇ[6]. غەرىب تارىخچىلىرى ھېرودوتنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنى ھىندى-ياۋرۇپا سىستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەۋىملەر دەپ قارايدۇ، لېكىن پاكىت يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ھېرودوت ئەينى ۋاقىتتا ساكلار ياشىغان جايلارغا بارمىغان، پەقەت ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ساك كىشى ئىسىملىرى دەپ بىر نەچچە سۆزنى تىلغا ئالغان، كىشىنى تازا قايىل قىلالمايدۇ. ئارخىلوگىيە دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان ئالتاي بازىرىقتىكى قەبرىدىن تىپىلغان نەرسىلەر، قەبرە تۈزۈلۈشى ئۇلارىدىن كېيىن ياشىغان كۆكتۈركلەر بىلەن كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە (6.رەسىم چۈشەندۈرمىسىگە قاراڭ). ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھونلاردىن قالغان ئارخىئولوگىيەلىك قىزىلمىلاردىمۇ ئالتۇن بەك كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەم ساكلارنىڭكىدەكلا ناھايتى نەپىس ئىشلەنگەن، بىر خىل ئورتاقلىقىنى ھىس قىلىسىز. بۇ خىل ئوخشاشلىقلار يايلاق مەدەنىيىتىگە ئورتاق نەرسىلەر بولۇشى ھەم مۇمكىن، خۇددى تەڭرىزم ئىتقادچىلىقىدەك.
،http://achinuq.org/?p=455 |
|