- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7045
- نادىر
- 0
- يازما
- 362
ئۆسۈش
  40.9%
|
بۇ مەزمۇن 63قەۋەتتىكى marshalدە2013-01-31 22:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مارشال توي قىلمىغان بويتاق بالا،ئۇ تېخى بىرەرسى بىلەنمۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىدى،ئۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتمەكتە،ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرى قىلىپ كەلگەن دېھقانچىلىق كەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش،زېمىنغا مۇھەببەت باغلاپ،زېمىننى كۆكەرتىش،ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتىدۇ.
مارشال كەتمەن چېپىش بىلەنلا ئاۋارە بولماي،ئۆزى كۆپ ئوقۇيالماي قالغان بولسىمۇ ،كومپىيۇتۇردىكى مەۋھۇم تور دۇنياسىدىكى مۇنبەردەشلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ پىكىرلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
مارشال ھازىرچە توي قىلىشقا ئالدىرمايدۇ،ئۇ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىرەر لايىقمۇ ئىزدەپ باقمىدى،ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئۆزىنى تاۋلاش،جىسمانىي ئەمگەكتە چېنىقىپ ياخشى بىر دېھقان بولۇش ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتىدۇ....
شۇڭا،مەن توغۇرلۇق گۇمانلىق پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويماڭ.گەپ تامام ،ۋەسسالام.
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
توي قىلمىغان بالىنىڭ، قىزلىق توغرىسىدا باشقىلارغا پىكىر قىلىشى توغرا ئەمەس، ئالدى بىلەن توي قىلىڭ، خوتوننى توي كىچىسىدىن ئۆتكۆزۈپ بولاپ، ئاندىن باغداشتا پىكىر قىلسىڭىز، كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقامىز قىنى.
سىز جەمىئەت كۆرگەن- كۆرمىگەن بولىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، سىزنىڭ بۇ ئىشلاردىكى سەۋەبىڭىزنى بىراقلا ئەرلەرگە دۆڭگىشىڭىز توغرا ئەمەس.
سىزنىڭ بۇ ئىشلاردىكى سەۋەبنى ئەرلەرگە دۆڭگىشىڭىزدە، خىلى بازارلىق قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باققاندەك قىلىلا ھە! ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە دەپ ئەمدى. سىلىگە بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ جۇما. دىھقان بولغانغىلا ئاق ھام قاق بولاپ كىتىدىغان ئىش يوق. |
|