- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7045
- نادىر
- 0
- يازما
- 362
ئۆسۈش
  40.9%
|
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى marshalدە2013-01-30 22:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆپ بالىلار قىز چىقمىسا ئەدەپلەش كېرەك دەپتۇ،مەنمۇ مۇشۇ يەردە دەپ قوياي،ئوغۇل بالىنىڭمۇ قىزلىقى بولىدۇ،ئۇ قىزلىق بەدەندە ئەمەس،كىشىنىڭ ۋىجدانىدا،غورۇرىدا بولىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي ئەركەك چاغلاپ يۈرسىڭىزمۇ،لېكىن،ئۆز ۋىجدانىڭىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى تويدىن بۇرۇن قىلسىڭىز،ھېسىياتىڭىزنى پايخان قىپ پاھىشخانىلاردا،قاۋاقخانىلاردا ئويناپ يۈرسىڭىز،كىشى بىلمىسىمۇ،ئۇلۇغ ئاللاھ ئالدىدا ئوغۇللارنىڭ قىزلىقى يوقالغان بولىدۇ.ئۇنداق ئوغۇللارنىڭ تويدا قىزلىقى بار خوتۇن ئالىمەن دەپ داۋراڭ سېلىشى قاملاشمىغان ئىش.
شۇڭا،زامانىمىزنىڭ ئەركەكلىرى،سىزمۇ ئۆزىڭىزدە ۋىجدان ،غورۇر بولسا،ئوغۇل بالىغا خاس جاسارەت بولسا تۇرمۇشلۇق بولغىچە بولغان بويتاقلىق ۋاقتىڭىزدا پاھىشخانىلارغا،قاۋاقخانىلارغا بارماڭ.كەيپ-ساپا قىلماڭ(تويدىن كېيىن بېرىڭ دېگىنىم يوق).شۇندىلا،سىز ئۇلۇغ ئىسلام دىنىغا،مىللىتىمىزگە،ئەل-يۇرتقا،ئاتا-ئانىڭىزغا يۈز كېلەلەيسىز،شۇنداق توغرا يولدا ماڭسىڭىز ئاندىن سىزنىڭ ئىپپەت دەۋاسى قىلىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.
مىللەتنىڭ قىزلىرىنى ئاسراشتا مىللەت توپىدىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى بار،سىز بۇ مەجبۇرىيەتنى كەڭ دائىردىن ئويلىنىپ تۇرۋالماڭ،ئەتراپىڭىزدىن،ئۇرۇق-تۇققانلاردىن،مەھەللە،ساۋاقداش،دوست-بۇرادەرلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە مۇقەددەس بولغان بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىڭ.ئەڭ ئاۋال بۇ ئىشنى تۈزەشتە ھەركىم ئۆزىدىن باشلىشى زۆرۈر.
قىزلىق يوق جەمىيەت -كەلگۈسىدىكى بەچچىۋازلارنىڭ مەيدانغا كېلىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
.......
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
ھەي مارشال:
گىپىڭلا ئانچە توغرا ئەمەسقۇ؟
يىگىت تويدىن بۇرۇن پاك ( پاك - دىيانەتلىك، مۆمىن يىگىتلەر ھىلىمۇ بار ) بولسا، توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ساق- ساقئەمەسلىكىنى تويدىن بۇرۇن بىلمىسە( قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەم خوتون بولغۇچى يۇشۇرغان بولسا )، توي كىچىسى خوتونى قىز چىقمىسا؟
خوتوننىڭ جازاسى نىمە؟ ( باشقا ئىھتىماللىقنى قويۇپ تۇرۇڭ ھازىر )
يەنە ئەرنى ئەيىپلەش كىرەكمۇ ؟ |
|